كومپيۇتېر ئېكرانى پەيدا قىلغان رادىياتسىيەنىڭ مىقدارى گەرچە ئاز بولسىمۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن تېرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، داغ، كۆز ئەتراپىدىكى مۇسكۇل ۋە تېرىلەرنىڭ بوشىشىپ كېتىشى، قورۇق، كۆز خالتىسى، كۆز ئەتراپى قارىداپ قېلىشقا ئوخشاش نورمالسىز ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا رادىياتسىيەسى تۆۋەن، پارقىرىمايدىغان، كۆرسىتىشى مۇقىم بولغان كومپىيۇتېرنى سەپلەش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكرا بولسا تېخىمۇ ياخشى. كومپيۇتېردا مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا يۈزگە ئاسراش مېيى، ئۇپا تەگلىكى قاتارلىقلارنى سۈركۈۋېلىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ئېكرانغا قوغداش ئەينىكى سەپلىۋالسا بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كۆپ كومپيۇتېر قويۇلغان مۇھىتتا خىزمەت قىلغۇچىلار، كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم يۈزىنى يۇيۇۋېتىشى كېرەك. ھامىلدارلار ئەڭ ياخشىسى كومپيۇتېر ئىشلىتىش ۋاقتىغا چەك قويۇش كېرەك. چۈنكى ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا رادىياتسىيە ھامىلىنىڭ غەيرىي يېتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
![]() |
ساختا دورا سېتىش قىلمىشى خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق.
ماۋ فامىلىلىك بۇ يىل 36 ياش، راڭفېن ناھىيىسىدىن، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 2014-يىللىرى، ماۋ فامىلىلى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved