شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىلىرى شىنجاڭ دىلنار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ «دىلنار خېرىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى»غا ئېرىشتى
16 - دېكابىر چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى كۇتۇپخانا زالىدا ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو شىنجاڭ دىلنار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئاتاقلىق سەنئەتكارىمىز دىلنار ئابدۇللا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە بىردىنبىر «211 قۇرۇلۇشى»غا كىرگەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئەلاچى ئوقۇغۇچىلاردىن 24 ئوقۇغۇچىغا 5000 يۈەندىن 2015-يىللىق «دىلنار خېرىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» تارقىتىپ بەردى.
شىنجاڭ دىلنار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى 2007 – يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبلىك ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالمىغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپلا قالماستىن، يەنە مىيىپلارنىڭ جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك ئورنىنى تېپىپ، ئكز رولىنى جارى قىلدۇرالىشى ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلدى. ئۇلارنىڭ ياردىمىدە ئوقۇغۇچىلار ھەم مىيىپلارنىڭ ئالدى جەمئىيەتكە چىقىپ، نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ رولىنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ فوندى جەمئىيەت يەنە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ھەر خىل لېكسىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، فوندى جەمئىيەتنىڭ تارىمىقىدىكى «شىنجاڭ دىلنار مەدەنىيەت سەنئەت مەكتىپى»دە نۇرغۇن سەنئەت سۆيەر ھەر مىللەت بالىلىرىنى ھەر خىل سەنئەت تۈرىدە تەربىيەلەۋاتىدۇ. فوندى جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى دىلنار ئابدۇللا ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى»نىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭدىكى خانىم – قىزلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام، گۈزەل ئاياللارنى تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن ھەقسىز تەربىيەلەش كۇرۇسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى»غا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشماقتا.
يىغىندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى دىلنار ئابدۇللانىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ مەكتەپنىڭ «تەكلىپلىك پىروفىسسورى» بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. دىلنار ئابدۇللا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت كەسپىدىكى تۇنجى تەكلىپ قىلىنغان «تەكلىپلىك پىروفىسسورى» بولدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved