26-چىسىلا، ئوكىرائىنانىڭ قىرىم ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيتىنىڭ مەركىزى سىمفېروپولدا شۇ جايدىكى روس ئەۋلادىدىن بولغان ئامما كۈچ كۆرسىتىش نامايشى قىلدى.
خېرشوف ئوكىرائىناغا ھەدىيە قىلىۋەتكەن زىمىنلار
قىرىم ئەسلىدە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ روسىيە فېدراتسىيسىگە قاراشلىق ئىدى. 1954-يىلى، «ئاغا-ئىنى بولۇشقان ئوكىرائىنا بىلەن روسىيەنىڭ ئىتتىپاقلاشقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى»نى تەبىرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن شۇ چاغدىكى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى خېرشوف سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالى سوۋىت رىياسىتىگە يىتەكچىلىك قىلىپ قارار ماقۇللاپ، روسىيە تېرىتورىيسىگە تەۋە قىرىم يېرىم ئارىلىنى مەڭگۈلۈك دوستلۇقنىڭ سىموۋىلى سۈپىتىدە ئوكىرائىناغا ھەدىيە قىلىۋەتكەن، بۇ قارارنى چىقىرىشنىڭ سەۋەبى قىرىم بىلەن ئوكىرائىنانىڭ سوۋىت سوتسىيال جۇمھۇرىيتى بىلەن ئىقتىساد جەھەتتە ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكى، زىمىن پاسىلىنىڭ يېقىنلىقى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىنىڭ قۇيۇقلىقىدىن. سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كىيىن قىرىم يەنىلا ئوكىرائىنانىڭ بىر قىسىمى بولۇپ كەلگەچكە نۇرغۇنلىغان ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
زۇڭتۇڭ يانۇكوۋېچنىڭ يوقاپ كىتىشى ھەمدە ئۇنىڭغا تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، ئوكىرائىنانىڭ پايتەختى كىيىۋنىڭ ۋەزىيتىدە ئاللىبۇرۇن غەرپكە ئېغىش كىلىپ چىقتى، لىكىن ئوكىرائىنانىڭ غەربى قىسىمىنىڭ ۋەزىيتى بۇنىڭغا تامامەن ئوخشىمايدۇ. ئوكىرائىناغا نىسبەتەن مۇھىم ئىستىراتىگىيلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان قىرىم ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيتى پارلامىنتى 26-چىسىلا ئالاھىدە يىغىن چاقىرىپ، قىرىمنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيتىنى مۇھاكىمە قىلشنى بىكىتكەن. پارلامىت باشلىقى كاستىنوفنىڭ قارىشىچە يىغىندا قىرىمنىڭ ئوكىرائىنادىن مۇستەقىل بولۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش مۇمكىنكەن.
25-چىسىلا، بىر قىسىم يەرلىك ئامما نامايىش قىلىپ، كىيىۋدا يۈز بەرگەن ھۆكۈمەت داۋالغۇشىغا ئىتراز بىلدۈرگەن، بىر قىسىم نامايىشچىلار ھەتتا قىرىمنى روسىيەگە قۇشۇۋىتىشنى تەلەپ قىلغان.
«بىر توپ قاراقچىلار ھوقۇقنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالدى»
قىرىم جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاھالىلىرى روس مىللىتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، سىياسىي خاھىشى روسىيەگە مايىل. 1954-يىلىدىن ئىلگىرى، بۇ يەرلەر سابىق سوۋىتلەر ئىتتىپاقىنىڭ روسىيە فىدراتىسىيسىگە تەۋە زىمىن ئىدى. نۆۋەتتە قىرىمدىكى سېۋاستوپول ھەربى پورتىدا يەنىلا روسىيەنىڭ قارا دېڭىز چارلاش ئەترىتى تۇرىۋاتىدۇ.
25-چىسىلا، يۈزلىگەن نامايىشچىلار ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيتى پارلامىنىت بىناسىنىڭ ئالدىغا توپلىشىپ، ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيەتنىڭ ئوكىرائىنانىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتىنى قانۇنسىز دەپ جاكارلاشنى تەلەپ قىلدى. بىر قىسىم نامايىشچىلار يەنە يۇقۇرى ئاۋازدا «روسىيە بىزنى قۇتقۇزىۋال» دەپ توۋلاشتى.
«بىر توپ قاراقچىلار ھوقۇقنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالدى»
39 ياشلىق بىر نامايىشچى مۇنداق دىدى: «مەن ئاللىبۇرۇن قولۇمغا قۇرال ئېلىپ، ئاشۇ ھوقۇقنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان فاشىستلار بىلەن جەڭ قىلىشقا تەييارلىنىپ بولدۇم»
«پەقەت روسىيەلا قىرىمنى قوغداپ قالالايدۇ» دىدى يەنە بىر نامايىشچى.
نامايىشچىلار قىرىمدا ئومۇمى خەلقنى قاتناشتۇرۇپ، داۋاملىق ئوكىرائىنادا تۇرۇپ قېلىپ، بىر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ياكى بىۋاستە روسىيەگە قۇشۇلۇپ كىتىشنى قارار قىلىشنى تەلەپ قىلىشتى.
شۇ كۈنى، بۇ نامايىشچىلار يەنە بىر بۆلۈك كىيۋنى قوللايدىغان نامايىشچىلار بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدى ھەمدە كىچىك كۆلەمدە توقۇنۇش يۈز بەردى.
روسىيەنىڭ تۇرۇشلۇق ئارمىيسى ئانچە-مۇنچە كوچىلاردا كۆرىنىشكە باشلىدى
يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، قىرىمنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قېرىنداش روسلارنىڭ نامايشىلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بىرىۋاتىدۇ، ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغانلىرىدا نەچچە مىڭغا يىتىدۇ. سېۋاستوپول ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ ئالدىدىكى ئوكرائىنانىنىڭ دۆلەت بايرىقى چۈشۈرىۋىتىلىپ، روسىيەنىڭ دۆلەت بايىرىقىغا ئالماشتۇرىۋىتىلدى.
ئامىرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا قىرىمدا قېرىنداش روسلار نامايىش قىلىۋاتقاندا روسىيەنىڭ تۇرۇشلۇق ئارمىيسىنىڭ بىر بىرونىۋېك ماشنىسى ۋە روسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىككى يۈك ئاپتۇموبىلىمۇ ئانچە مۇنچە كوچىلاردا پەيدا بولۇپ قالغان، بۇ روسىيەنىڭ مەزكۇر يېرىم ئارالدا يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغىنى ئىكەن.
روسىيە قۇرال كۈچى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
دېرەكلىنىشچە، روسىيە فېدراتىپ كومتىتى (پارلامىت يۇقۇرى سوتى)نىڭ رەئىسى ماتۋىيانك 26-چىسىلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: روسىيە ھەرگىزمۇ ئوكىرائىناغا قۇرال كۈچى ئىشلەتمەيدۇ.
ماتۋىيانك شۇ كۈنى تاراتقۇلارغا مۇنداق دىدى: روسىيە تەرەپ ئاللىبۇرۇن ئىپادسىنى بىلدۈردى ھەمدە مەيدانىنى قايتا تەكىتلىدى، روسىيەنىڭ بۇنداق ھوقۇقى يوق، ھەم مۇستەقىل دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ھەرگىز ئارلاشمايدۇ، روسىيەنىڭ قۇرال كۈچى ئارقىلىق ئوكىرائىنانىڭ ئەھۋالىغا ئارىلىشىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يانوكوۋىچنىڭ يەنىلا ئوكىرائىنانىڭ زۇڭتۇڭى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئەمەلىيەتكە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ، ئوكىرائىنا پارلامىنتى زۇڭتۇڭنى ئەيىبلەش تەرتىپىنى قانۇن بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلمىدى.
ئوكىرائىنانىڭ قىرىم ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيتىدىكى قېرىنداش روس ئاھالىلىرىنىڭ روسىيە تەۋەلىكىگە ئۆتۈش مەسىلىسىگە نىسبەتەن ماتۋىيانك مۇنداق دىدى: روسىيە ئوكىرائىنانىڭ دۆلەت پۈتۈنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەر قانداق شەكىلدىكى بۆلۈنچىلىك كەيپىياتىنى ئارىلاشتۇرمايدۇ. روسىيەنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئوكىرائىنا روسىيەنىڭ خوشنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەسلىدىكى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ساقلاپ قالالايدۇ. (شىنخۇا ئاگىنلىقى تىلىگىراممىسى ئاساس قىلىندى)
يۈزلىنىش
روسىيەنىڭ غەربى قىسىم سەربى رايۇنى جەڭ تەييارلىقى ھالىتىگە كىردى
پۇتىن دۆلەتنىڭ غەربى قىسىم ھەربى رايۇنىنىڭ جەڭ تەييارلىقىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى، روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىلىقىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئوكىرائىنا ۋەزىيتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن.
روسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 26-چىسىلادىكى خەۋىرىدە، روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 26-چىسىلا روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ۋەزىپە تاپشۇرۇپ، غەربى ۋە ئوتتۇرا قىسىم ھەربى رايۇنلىرى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ھەربى قىسىملىرىنىڭ جەڭ تەييارلىقى ئەھۋالىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرتكۈزگەن.
روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى شاۋيىكو يىغىندا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: زۇڭتۇڭنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن بۈگۈن سائەت دەل 14:00 تە تېرۋۇگا سىگىنالى چېلىنغان ھامان غەربى قىسىم ھەربى رايۇنى جەڭ تەييارلىقى ھالىتىگە كىرىدۇ، ھەربى رايۇننىڭ ئىچىدىكى ھەربى ئىشلار تارماقلىرى، مەركىزى ھەربى رايۇننىڭ ئىككىنچى جۈنى، ھاۋا مۇداپىئە قىسمى، پاراشوتچى قىسىم، ھەربى تىرانسىفورت چوڭ ئەترەتلىرىنىڭ قۇماندانلىق ئورنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
روسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىچە، ئۆتكەن يىلى روسىيە قۇراللىق كۈچلىرىگە قارىتا 20 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، قىسىمدا ساقلانغان بىر قاتار كەمچىلىكلەر تېپىپ چىقىلغان. شۇڭا ھەربى قىسىم يۇقۇرى قاتلىمىدىكىلەر 2014-يىلى داۋاملىق تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان.
شاۋيىكو مۇنداق دىدى: تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا. مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىلىدۇ ھەمدە دۆلەت مۇداپىئە زاكازلىرىنىڭ سانى بىكىتىلىدۇ، قىسمەن ھەربى ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىلىرىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى ئۆزگەرتىلىدۇ.
شاۋيىكو شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە روسىيە غەربى قىسىم ھەربى رايۇنى ۋە ئوتتۇرا قىسىم ھەربى رايۇنىدا تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ ئوكىرائىنا ۋەزىيتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى تەكىتلىدى.
شاۋيىكو مۇنداق دىدى: بۇ قېتىمقى مانىۋېرنىڭ ئوكىرائىنا ۋەزىيتى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان بىر قانچىلا مانىۋېر روسىيە چىگىرا رايۇنى بەلبىغىدا ئېلىپ بېرىلدى. مانىۋېرنىڭ مەقسىدى قىسىملارنىڭ جەڭ تەييارلىقى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۈرۈشتىنلا ئېبارەت.
لىكىن ئوكىرائىنا ۋەزىيتىنىڭ كەسكىنلىشىش نەتىجىسىدە روسىيە پاي بازىرىدا پۇتىننىڭ جەڭ تەييارلىقىنى تەكشۈرۈش بۇيرىقىدىن كىيىنلا دەرھال تۆۋەنلەش كۈرۈلدى.
تەدبىرلەر
ئوكىرائىنانىڭ خىللانغان ئالاھىدە ساقچى قىسمى تارقىتىۋىتىلدى
ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشنى تىنچىتىش داۋامىدا نامايىشچىلارغا تۇيۇقسىز زەربە بىرىلگەن بۇلۇشى مۇمكىن
ئوكىرائىنانىڭ مۇۋەققەت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاۋاكوف 26-چىسىلا «ئالتۇن بۈركۈت» ئالاھىدە ساقچى قىسمى بۇيرۇق بىلەن تارقىتىۋىتىلدى دىدى.
بۇ قىسىمنىڭ قۇراللىرى خىل، مەشىققە پىشقان بولۇپ، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشنى تىنچىتىش داۋامىدا نامايىشچىلارغا تۇيۇقسىز زەربە بەرگەن دىگەن گۇمان باركەن. «ئالتۇن بۈركۈت» ئالاھىدە ساقچى قىسمىدا تەخمىنەن 5000 ئادەم بار بولۇپ، ئوكىرائىنانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. قىسىم قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە تەشكىللىك جىنايەتلەرگە زەربە بەرگەن، كىينچە قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە ئاممىۋى ۋەقەلەردە ئامانلىقنى ساقلاشقا ئۆزگەرتىلگەن. «ئالتۇن بۈركۈت» ئالاھىدە ساقچى قىسمى ئىچكى كابىنتقا قاراشلىق بولۇپ، ئاۋالقى ئىچكى كابىنت باشلىقى زاخارچىنكو بولسا يانوكوۋىچنىڭ ئىتتىپاقدېشى ئىدى. ئالدىنقى بىر مەزگىلدە «ئالتۇن بۈركۈت» ئالاھىدە ساقچى قىسمى قالقان قاتارلىق زوراۋانلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈسكىنىلىرىنى ئېلىپ پايتەخت كىيۋدا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشنى تىنچىتىشقا قاتناشقان. «ئالتۇن بۈركۈت» ئالاھىدە ساقچى قىسمىنى تارقىتىۋىتىش لاھىيسى بۇ ھەپتىدىن بۇرۇنراق ئوكىرائىنا ئەركىن پارتىيسى تەرىپىدىن سۇنۇلغان بولۇپ، بۇ سىياسى پارتىيە بۇرۇنلا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش جەريانىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان. نامايشچىلار بۇ قىسىمنى قۇرال كۈچىدىن پايدىلىنىپ نامايىشچىلارنى ئۇردى، خارلىدى ھەتتا نامايىشچىلارغا ئوق چىقاردى دەپ ئەيىبلىدى. شىنخۇا ئاگىنتلىقى مەخسۇس ماقالىسى.
يانوكوۋىچنىڭ سارىيى تەكشۈرۈلدى
ئوكىرائىنا تەكشۈرگۈچى تەرەپ يانوكوۋىچ قەستلەپ ئادەم ئۆلتۈرۈشكە چېتىشلىق گۇماندار دىدى
ئوكىرائىنا باش تەپتىش ئىشخانىسى 26-چىسىلا يانوكوۋىچنىڭ سارىيى ۋە دۆلەت بانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سورۇنلار تەكشۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
باياناتتا مۇنداق دىيىلدى: زۇڭتۇڭنىڭ مەمۇرى ئىش بىجىرىش ئورۇنلىرى، ئوكىرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتىتى، دۆلەت بانكىسى ۋە يانوكوۋىچنىڭ ئالدى سارىيى تەكشۈرۈلدى.
ئوكىرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى 24-چىسىلا يانوكوۋىچنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى، لىكىن ئۇنىڭ ئىز-دىرىكىنى قىلالمىدى. مۇۋەققەت باش تەپتىش باشلىقى ماخېنسىج 25-چىسىلا تاراتقۇ مۇخبىرلىرىغا يانوكوۋىچنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە چېتىشلىق گۇماندار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىلگىركى ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى تەكشۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوكىرائىنانىڭ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت تەشكىللەشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددى ئىشلىنىۋاتىدۇ. ئۆكتىچى گوروھلارنىڭ رەھبەرلىرى، ئىلگىركى بوكىس شاھى كېلىچىك 26-چىسىلا بايانات ئىلان قىلىپ، شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كىيىن 7:00 دە كىيۋ مۇستەقىللىق مەيدانىدىكى ئاممىغا يېڭى ئىچكى كابىنت ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. 26-چىسىلا ئوكىرائىنا زۇڭتۇڭ تور پونكىتىدا بايانات ئىلان قىلىپ، مۇۋەققەت زۇڭتۇڭ تۇرچىنوفنىڭ قۇراللىق كۈچلەرنىڭ ئەڭ ئالى قۇماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. شىنخۇا ئاگىنتلىقى مەخسۇس ماقالىسى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved