WaterAid تەشكىلاتى يېقىندا يەتتە دۆلەتتىكى ھامىلدار ئاياللارنى تەكشۈرۈپ، ھامىلدار ئاياللار تۇغۇت ئالدىدا تەييارلايدىغان نەرسىلىرىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتى يەنە بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق كىشىلەرنى تۇغۇت ۋاقتىدىكى تازىلىققا، تازىلىقى كاپالەتكە ئىگە بولالمايدىغان ھامىلدارلارغا كۆپرەك دىققىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئۇلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئافرىقا زامبىيەدىكى بىر ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدا تەييارلىغان بۇيۇملىرى، ئۇ تۇغۇدىغان يەردە يېتەرلىك سۇ بولمىغانلىقتىن، ھەرخىل ئۈسكۈنىلەرنى تازىلاش ئىمكانسىز، ئۇ ساپ ھالەتتە ساقلاش يالتىرىقىنى كارىۋاتقا سېلىپ، شەخسىي تازىلىققا كاپالەتلىك قىلماقچى بولغان.
بۇ ئامېرىكا نىيۇيورىكتىكى بىر ھامىلدار ئايال، ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن نىيۇيورىكتىكى ئەڭ ياخشى دوختۇرخانىنىڭ ئارىلىقى پەقەت نەچچە مىنۇتلۇقلا يول.
بۇ ئۇ تەييارلىغان نەرسىلەر، ئۇخلاش چاپلىقى، بەدەن ئۇۋۇلاش مېيى، ئۇششاق يېمەكلىك، گىرىم بۇيۇملىرى، ياستۇق، ھامىلدارلار كۆرىدىغان كىتاب قاتارلىقلار.
بۇ ئافرىقا مالاۋىدىكى ھامىلدار ئايال، ئۇ تۇغۇدىغان يەردە توك، پاكىز سۇ مەنبەسى يوق، يۇيىنىدىغان يەرنىڭ تورۇسى ۋە ئىشىكىمۇ يوق.
ئۇ قول چىراغ، بالىنىڭ كىندىكىنى كېسىدىغان قايچا ئېلىۋىلىشقا يەنە قارا رەڭلىك ساپ ھالەتتە ساقلايدىغان يالتىراق بىلەن شەخسىي تازىلىققا كاپالەتلىك قىلىشقا مەجبۇر.
بۇ ئاۋسترالىيە مېلبۇرنىكى ھامىلدار ئايال.
ئۇ بوۋىقىغا نۇرغۇن كىيىملەرنى تەييارلاپ، بوۋىقى تۇغۇلىشى بىلەنلا راھەت كىيىملەرنى كىيىشكە كاپالەتلىك قىلماقچى بولغان. ئۇ يەنە يۇيۇش بۇيۇملىرى، ئۇۋىلاش مېيى، ئۇششاق يېمەكلىك قاتارلىق نەرسىلەرنى تەييارلىغان.
بۇ ماداگاسكاردىكى ھامىلدار ئايال.
ئۇ پاكىز سۇ تاپالايدىغان بولۇپ، ئىسپىرت، پاكىز تاياقچە پاختا قاتارلىق دېزىنفىكسىيە بۇيۇملىرىنى ئېلىۋالغان.
ئەنگىلىيە لوندوندىكى ھامىلدار ئايال.
ئۇ بوۋىقىغا كىيىم، زاكا، ئۆزىگە لۆڭگە، ئەدىيال، تاختا كومپىيوتېر تەييارلىغان.
بۇ شەرقىي ئافرىقا تانزانىيەدىكى ھامىلدار ئايال، ئۇ تۇغۇدىغان يەردە پەقەت ئۈچ ئېغىزلىق ئۆي ۋە تازىلىقى ئىنتايىن ناچار ھاجەتخانا بار. بۇ ھاجەتخانىنى تۇغۇش ئالدىدىكى ھامىلدارلار ۋە يېڭى تۇغقان ئاياللار ئورتاق ئىشلىتىدۇ.
ئۇ بوۋاقلار كىيىمى، دوپپا، چايدان ۋە ئازراق چاي تەييارلىۋالغان.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved