شىنخۇا تورى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى خەۋەر قىلىدۇ: ئافغانىستان ئەمەلدارى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى دېيىشىچە، ئافغانىستاننىڭ قەندىھار ئۆلكىسىدە بۈگۈن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئافغانىستان پرېزىدېنتى كارزائىنىڭ نەۋرە ئىنىسى ھەشمەت كارزائى ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلگەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان قەندىھار ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلدارى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا دېيىشىچە، بىر ھۇجۇم قىلغۇچى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن مېھمان قىياپىتىدە ياسنىپ، ھەشمەت كارزائىنىڭ ئۆيىدىكى روزى ھېيتلىق يىغىلىشتا ھەشمەتكە يېقىنلاشقاندىن كېيىن سەللىسىگە يوشۇرۇۋالغان بومبىنى پارتلاتقان.
بۇ ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، ھەشمەت ھۇجۇمدا ئۆلگەن. ساقچىلار بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان، كونكرېت ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلار سانى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. نۆۋەتتە ھېچقانداق تەشكىلات مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىدى.
ھەشمەت بۇ يىل 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۆلكىلىك پارلامېنت سايلىمىدا غەلبە قىلغان، ئۇ يەنە پرېزىدېنت نامزاتى ئەشرەف غەنىنىڭ سايلام رىقابىتى ئەترىتىنىڭ دېرىكتورى. 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى ئىككىنچى نۆۋەتلىك پرېزىدېنت سايلىمىدىن كېيىن، ئەشرەف غەنى سايلامدا كۆز بويامچىلىق قىلىش ئەيىبلىشىگە پېتىپ قالدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved