چىيەنلۇڭ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
زۇكام بۇلۇپ قېلىپ ،قىزىپ ھۆتەلسىڭىز دوختۇر سىزگە ھۆتەل توختىدىغان سۇيۇق دورا بېرىدۇ .بۇ خىل سۇيۇق دورىنى نۇرغۇن كىشى ئىچىپ باققان بۇلىشى مۇمكىن ،ئادەتتە بۇنى ئىچكەندە ھېچنىمە بولمايدۇ ،ئەمما بەزىلەر ئۇنى دەپ بەدىنىنى زەخىملەندۈرۈپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويدى ،بەزىلەر ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن مىليونلاپ پۇل خەجلىدى ،ھەمدە جىنايەت يولىغا مېڭىپ قالدى .
جىنايەتچى :‹ئادەم زەخمىلەندۈرۈش نىيىتىم يوق ئىدى ،پەقەت p[ulnhبۇلاي دېگەن ئىدىم ،پىچاقنى ئېلىپ كىردىم ،ئويلىمىغان يەردىن ئۇ پۇل ئالماي پۇل ئامانەت قويدى ›دېدى .2013-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى شېنياڭ شەھىرى چىڭخې رايونى مەدەنىيەت شەرقىي يولىدىكى ، مەلۇم بانكىنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش زالىدا جاۋ فامىلىلىك پىچىقىنى بىر مۇئامىلىدارنىڭ بوينىغا تەڭلەپ تۇرۇپ پۇلىنى بۇلىماقچى بولغان .ئەمما ئۇكىشى قورقۇپ كەتمەستىن ،جاۋ فامىلىلىكنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا بويسۇندۇرۇپ ،ج خ ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ بەرگەن .ئۇنداقتا جاۋ فامىلىلىك نېمە ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ بۇلاڭچىلىق قىلىدۇ ؟
جاۋ فامىلىك جىنايەتچى بۇسوئالغا جاۋاب بېرىپ :‹ ئازراق پۇل تېپىپ ‹دالى › سېتىۋالاي دېگەن دېدى . دالىدىن مۆجىزە چىقىدۇ .
-بىر كۈندە قانچىلىك ئىچىسەن ؟
-يانچۇقۇمدىكى پۇلغا قارايمەن .
- بىر كۈندە ئىككى ئۈچ يۈز يۈەن خەجلەيدىكەنسەندە ؟
-10 يىل بولدى ئىچمىسەم تۇرالمايمەن ،ماڭا ھېچقانداق نەرسە كېرەك ئەمەس ،لېكىن دالى ئىچمىسەم بولمايدۇ .
جاۋ فامىلىلىك ئېيتقان دالى ئەمەلىيەتتە بىر خىل ھۆتەل توختىتىش دورىسىنىڭ بۇلۇپ ، تېبابەتتە مۇرەككەپ كودىن فوسفات سۇيۇقلۇقى دەپ ئاتىلىدۇ .ئاساسلىق تەركىبى كودىن فوسفىت بىلەن ئېفېدرىن گىدرو خلورىت ،نۇرغۇن ھۆتەل توختىتىش دورىلىرىنىڭ تەركىبى مۇشۇنداق بولىدۇ ، كودىن فوسفىت بىلەن ئېفېدرىن گىدرو خلورىت گەرچە زەھەر ناركوز تۈرىدىكى دورا بولمىسىمۇ ،ئىككىسى بىرلەشتۈرۈلسە ھۆتەل توختىتىش رولى ناھايىتى كۈچلۈك بۇلۇپ ،نورمال مىقداردا ئىستىمال قىلسا خۇمار بولمايدۇ ،بىراق ئۇزاق مەزگىل كۆپ مىقداردا ئىستىمال قىلسا دورىغا خۇمار قىلىدۇ ھەمدە مەركىزى نېرۋىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .
- مەن بىر كۈندە بەش يۈەنلىك دورا يېمىسەم ناھايىتى بىئارام بولىمەن .
جاۋ فامىلىلىك جىنايەت گۇماندارىنىڭ دېيىشىچە ،ئۇ بۇلاڭچىلىق قىلىشتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى دورا ئىچكەن ،ئۇزۇن مەزگىل دورىغا خۇمار بۇلۇپ قېلىش ئاخىرى ئۇنى جىنايەت يولىغا باشلىغان .تەكشۈرۈشكە قارىغاندى بۇ خىل ھۆتەل توختىتىش دورىسىغا خۇمار بۇلۇپ قالغان پەقەت جاۋ فامىلىلكلا ئەمەسكەن ،جياڭسۇ ئۆلكىسى شىنخۇ شەھىرىدىكى جۇ فامىلىلىكنىڭ دورىغا خۇماربۇلۇپ قالغانلىقتىن پۈتۈن بىساتىنى تۈگەتكەنلىكى ئېنىقلانغان ،ئۆزىنى تۈگەشتۈرۈپ نۇرغۇن كېسەل تېپىۋالغان . ئۇنىڭ ئايالى مۇنداق دېدى :‹ئۇ زەھەر چېكىدىغان ئادەمگە ئوخشاش بۇلۇپ قالدى ،نۇرغۇن خالتا قۇتۇلىرىنى بىز ئوغۇرلۇقچە يىغىپ قويغان ›دېدى . ئۇنداقتا نېمىشقا ھۆتەل توختىتىش دورىسىنى ئىچىدۇ ؟جۇ فامىلىك مۇنداق دېدى :‹ئۈچ يىل ئىلگىرى تورخانىدا ئويناۋاتسام بىرەيلەن كېلىپ بۇنى ئىچسەڭ روھلاندۇرىدۇ دەپ تونۇشتۇرغان ئىدى ›دېدى .جۇ فامىلىكنىڭ ئايالى كۆرسەتكەن نەچچە خالتا قۇتىلار ئۇ ئىچكەن دورىلارنىڭ ئاز بىر قىسمى ،ئۇ دورىنى كېسەل داۋالاش ئۈچۈن ئەمەس كەيىپ سۈرۈش ئۈچۈن ئىچىدىكەن .ئۇنىڭ ئېيتىشىچە دەسلەپتە بۇ دورىنىڭ زىيىنىغا ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمىگەن، بىر كۈندە پەقەت بىرنى ئىچكەن ،ئىچكەندىن كېيىن ئىنتايىن روھلىنىپ كەتكەن ،بىراق ۋاقىت ئۆزگەرگەنسېرى ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولغان .
- دورىنى ئىچكەندىن كېيىن ناھايىتى روھلىنىپ كېتىمەن ،دەسلەپتە كۈندە بىر ئىككى بوتۇلكا ئىچتىم ،ئاخىرىغا كېلىپ بىر كۈندە ئون نەچچە بوتۇلكا ئىچىدىلا بۇلۇ قالدىم .
مۇ رەككەپ كودىن فوسفات سۇيۇقلۇقى بىرىنچى دەرىجىلىك رېتىسىپلىق دورا چوقۇم مەسئۇل ۋراچ رېتسىپ يېزىپ بەرگەندىن كېيىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ .ئەمما جۇ فامىلىك ھەركۈنى زور مىقداردا ئىستىمال قىلىدىغان دورىلارنى قەيەردىن سېتىۋالغان ؟ئۇ مۇنداق دېدى ‹ۋاڭجىن ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئامبۇلاتورىيىسىدىن سېتىۋالىمەن،ئۈچ يىل بولدى دورا مىقدارى ئاشقاندىن كېيىن بىر قېتىمدا ئوندىن 20گىچە سېتىۋالدىم ›.جۇ فامىلىلىكنىڭ ئېيتىشىچە،ئۇنىڭغا بۇ خىل ھۆتەل توختىتىش دورىسىنى شۇ شەھەرلىك ينفېڭ ئامبۇلاتورىيىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭجىن سېتىپ بەرگەن ،مۇخبىر ۋاڭجىننى زىيارەت قىلدى .
- سەن بۇ دورىنىڭ ئادەمنى خۇمار قىلىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن ؟
-ئاز مىقداردا ئىچسە ئۇنداق بولمايدۇ .كۆپ ئىچسە خۇمار قىلىدۇ ،ئېنىقكى ئۇ بۇ دورىنى كۆپ ئىچسە خۇمار قىلىدىغىنى ئوبدان بىلىدۇ ،ئۇ ھەم جۇفامىلىلىككە بۇ خىل دورىنى سېتىپ بەرگىنىگە ئىقرار بولدى .
- دورىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالى قانداق ؟
-نەچچە كۈندە بىر قېتىم سېتىلىدۇ كۆپ ئەمەس . ئۇنداقتا ئەھۋال راستىنلا ۋاڭجىن ئېيتقاندەكمۇ ؟جاۋ فامىلىكنىڭ ئايالى مۇنداق دېدى :‹ئۇنى ئۆيگە سولاپ قويساق دورىخانا خوجايىنى ئۇنى بىۋاستە ئۆيگە ئەكىلىپ بېرىپتۇ ›.
قانچىلىك لازىم بولسا شۇنچىلىك ساتىدىكەن ،رېتسىپ سېتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىكەن ،ۋاڭجىن نېمىشقا دوختۇرلارنىڭ رېتسىپ يېزىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ،جۇ فامىلىلىككە ئوخشاش كىشىلەرگە رېتسىپ يازمايلا دورا سېتىپ بېرىدۇ ؟
-بىر بوتۇلكىسى نەچچە پۇل ؟
- يۈز يۈەن . مال قىس ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭدىنمۇ قىممەت 200يۈەنگىچە سېتىلىدۇ .
كىرىش باھاسى 20 نەچچە يۈەنلىك دورا يۇقىرى باھادا سېتىلغان ھەتتا ئىشىك ئالدىغىچە مال يەتكۈزۈپ بېرىلگەن .بۇنىڭ ئىچىدىكى زور پايدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ ،جۇ فامىلىك كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىستىمال قىلغان دورىنىڭ مىقدارى ئىنتايىن كۆپ بۇلۇپ ،ئەگەر ھەممىسىنى ينفاڭ ئامبۇلاتورىيىسىدىن سېتىۋالغان بولسا بۇ ئامبۇلاتورىيىنىڭ مال كىرگۈزۈش مىقدارى چوقۇم ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ .
-بىز دورىنى قانۇنلۇق يول بىلەن كىرگۈزگەن .
-قەيەردىن كىرگۈزگەن ؟
-قانۇنلۇق يول بىلەن .
- قانۇنلۇق يول بىلەن قەيەر ؟...... ئۇ جاۋاپ بېرەلمەيلا قالدى .ئىگىلىنىشىچە نۆۋەتتە ،شىنخۇا شەھەرلىك يېمەكلىك ،دورا نازارىتى ۋە سەھىيە ئىدارىسى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە كىرىشكەن .
كېسەل داۋالايدىغان دورا زەھەرگە ئايلىنىپ قالدى ، بۇ خاتالىق دورىدا ئەمەس بەلكى ئادەمدە .ھۆتەل توختىتىش سۇيۇقلۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ئەھۋالىغا ئون نەچچە يىل بولدى ،
ھەتتا يەر چەكلىمىسى بارغانسېرى كىچىكلەپ ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاش ئەۋلاتلارغىچە زىيان سالماقتا . سەھىيە دورا نازارەت قىلىش تارماقلىرى كۆپ قېتىم تەرتىپكە سالغان بولسىمۇ توردا ئاشكارا ، دورىخانىلاردا قائىدىگە خىلاپ ئەھۋالدا سېتىلىۋاتىدۇ ،دوختۇرلارمۇ خالىغانچە رېتسىپ يېزىۋاتىدۇ .قالايمىقان دورا ئىشلىتىش ئەھۋالىنىڭ توختىماسلىقىدىكى تۈپ سەۋەب يەنىلا پايدىنى قوغلىشىش ،
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved