بېيجىڭ گوئەن ئۆز مەيدانىدا ئۇتتۇرۇپ شاللاندى

ۋاڭيى تەنتەربىيىسى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 19:30 ئۆتكەندە 2015-مۇسابىقە پەسلى ئاسىيا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش بىرلەشمىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈكنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق ئۇچرىشىشدىكى بىر مەيدان كۆز يىكىلىۋاتقان مۇسابىقە بېيجىڭ ئىشچىلار تەنتەربىيە مەيدانىدا بېيجىڭ گوئەن كۇلۇبى بىلەن كورىيە چۈەنبېي خيۇنداي كۇلۇبى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى. 90 مىنۇتلۇق قىزغىن مۇسابىقىدىن كېيىن بېيجىڭ گوئەن كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 1-0 كىچىك نومۇر پەرقى بىلەن ئۇتتۇرۇپ ئومۇمىي نومۇر 2-1 نەتىجە بىلەن سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىرەلمىدى. 

 

مۇسابىقىنىڭ 72-مىنۇتىدا زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان چۈەنبېي خيۇنداي كۇلۇبىنىڭ توپچىسى ئەيدۇ لى زەيچېڭ بەرگەن چىرايلىق پاسنى ئېلىپ ۋاراتارغا كىرۈزدى.ئاندىن يەنە ئەيدۇ بىلەن لىئاننادو قاتارلىقلارنىڭ تەپكەن توپلىرى ۋاراتارنىڭ تۈۋرۈكىە تەگدى. قۇشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا گوئەن كۇلۇبىنىڭ توپچىسى جوۋ تىڭ قەستەن ئادەم دەسسەپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغاچقا قىزىل كارتا يەپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى.

 

بېيجىڭ گوئەن كۇلۇبى 3 مەيدان ئۇتۇش 2 مەيدان تەڭلىشىش 1 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجىسى بىلەن G گۇرۇپپىنىڭ بىرىنچىسى بۇلۇپ چىققانىدى. چۈەنبېي خيۇنداي كۇلۇبى بولسا ئوخشاش نەتىجە بىلەن E گۇرۇپپىنىڭ ئىككىنچىسى بۇلۇپ چىققان. 8 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشدا بېيجىڭ گوئەن كۇلۇبى مېھمان مەيداندا 1-1 تەڭلىشىپ قالغانىدى. ئىككى تەرەپ ئۈچ خىل مۇسابىقە سىزىقىدا ئۇدا يەتتە مەيدان ئۇتتۇرماسلىق نەتىجىسىنى ياراتقان بۇلۇپ گوئەن كۇلۇبى 4 مەيدان ئۇتۇپ 3 مەيدان تەڭلەشكەن. خيۇنداي كۇلۇبى بولسا 5 مەيدان ئۇتۇپ 2 مەيدان تەڭلەشكەن. 

 

بېيجىڭ گوئەن كۇلۇبى ئەسلى بۇ مەيدان ساھىبخان مەيداندىكى مۇسابىقىدە 0-0 تەڭلەشكەن بولسا ياكى 1-0 كىچىك نومۇر پەرقى بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلالىغان بولسا 8 كۈچلۈككە كىرەلىگەن بولاتتى. ھەمدە بۇ مۇسابىقە تۈرىدە كۇلۇب تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى مۇسابىقە نەتىجىسى ياراتقان بولاتتى. بىراق 0-1 ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ ھەممىدىن قۇرۇق قالدى.



خەتكۈچلەر:
26-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
18-05-2016
      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لوندون، 17-ماي تەنتەربىيە مەخسۇس تېلېگراممىسى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 17-ماي ئاشكارىلىغان خەۋىرىگە قارىغاندا، 13 نەپەر تەنھەرىكەتچىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كىيىنكى روھلان...
18-05-2016
    2016-يىلى 18-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 1:00 دە، 2015-2016-پەسىللىك ئېنگىلاند بىرلەشمىسى 38-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە تۇلۇقلاپ ئوينالدى. مۇسابىقىدە مانچېستېر بىرلەشمىسى ساھىبخان مەيداندا بورنېموس كوماندىسى بىلەن رىقاب...
18-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 18-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 6:30 دا، 2016-2015 يىللىق NBA بىرلەشمىسى شەرقىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشى ئوينالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە چەۋەندازلار كوم...
18-05-2016
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، ئاتۇش شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرى جەمئىيىتى ھەمكارلاشقان «1-ئىيۇن» بالىلار بايرىمىنى ...
17-05-2016
 ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا ئۇلار باھالاپ چىققان ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنى باھالاپ چىقتى. بۇ سەپ شەكلىگە مادىر ئاتلېتىكىدىن بەش ماھىر، بارسېلونا كوماندىسىدىن ئۈچ ماھىر، خانلىق مادرىدتىن ئىكك...
17-05-2016
      ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا ئۇلار باھالاپ چىققان ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنى باھالاپ چىقتى. بۇ سەپ شەكلىگە مادىر ئاتلېتىكىدىن بەش ماھىر، بارسېلونا كوماندىسىدىن ئۈچ ماھىر، خانلىق...
17-05-2016
2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمىن ئۆ...
17-05-2016
ئېنگىلاند دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى خودگسون بۇ يىل يازدا فىرانسىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان، ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش نامزاتىغا تاللانغان 26 كىشىلىك چوڭ تىزىملىكنى ئېلان قىلدى. ئاخىرقى 23 كىشىلىك تىزىملىكنى 31-مايدىن بۇرۇن مۇقىمل...
17-05-2016
فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ مەرگىنى ئىبراھىموۋىچ: 38 توپ كىرگۈزگەن. ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ مەرگىنى ھىگۇايىن: 36 توپ كىرگۈزگەن. ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ مەرگىنى سۇئارېز: 40 توپ كىرگۈزگەن. ئېنگلاند بىرلەشم...
17-05-2016
پورتۇگالىيەلىك چولپان رونالدو يېقىندا ئالاقە تورىغا ئوغلى بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرىنى يوللىغان، سۈرەتتىن بۇ ئاتا بالىنىڭ بىر بىرىگە قانچىلىك ئامراق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىنى بولىدۇ.
Powered by Leglek