يېقىندا ئەنگلىيەنىڭ ۋالىستا يېپىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ مۇھىم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دەپ ئاتالدى. يىغىندا،ئەمەلىي نەتىجىلەر كۆپ بولمىدى، شەكلى مەزمۇندىن چوڭ بولدى، بۇ يىغىندىن بۇرۇنقى كۆزلىمە بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ قالدى. مۇشۇنداق گۈلدۈرى بار يامغۇرى يوق ۋەزىيەت شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەت جەھەتتىكى چوڭقۇر ئىختىلاپىنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ كۈنسېرى ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى يەنە بىر قېتىم پاش قىلدى.
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن، تىپىنى ئۆزگەرتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۆۋەتتىكى ئۇكرائىنا كىرزىسى ئۇلارنى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم تەمىن ئەتتى.
بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئاشكارا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئوچۇق ئاشكارا ئەيىبلىدى. رۇسىيە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالدى، دەپ تەرغىب قىلدى، تىرىلمىچىلىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتى، يەنى: رۇسىيە رەقىب ۋە تەھدىت دەپ بېكىتىش، كوللېكتىپ مۇداپىئە كۆرۈشتىن ئىبارەت تۈپ باش مەقسەتكە قايتىپ كېلىش، شەرقىنىڭ چېگراسى مۇستەھكەملەش ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ غەربكە كىرىش مۇمكىنچىلىكىنى چەكلەپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى كۈچەيتىش.
لېكىن بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رەھبەرلىرى ئىرادىسىنى ئاغزاكى ئىپادىلىدى، جاسارىتىنى كۈچەيتكەندىن سىرت، چەتئەل تاراتقۇلىرى مۆلچەرلىگەندەك زور تەدبىرلەرنى ئوتتۇرغا قويمىدى. ئۇكرائىناغا قارىتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 15 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ھەربىي ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى، چەتئەللەر ئەڭ دىققەت قىلغىنى شۇ بولدىكى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى شەرقى ياۋروپا رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتتى، بۇنىڭ مۇھىم نۇقتىسى نەچچە مىڭ كىشىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئالدىن قىسىمنى ئالماشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرقى ياۋروپادىكى ئەزا دۆلەتلەرگە تەسەللى بېرىش بولدى ھەمدە مەلۇم دەرىجىدە رۇسىيەنى چۆچۈتتى. لېكىن ئەمەلىيەتتە، بۇ ئالدىن قىسىم قايتا تەشكىللەنمەيدۇ، ئۇلار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمىدىن كېلىدۇ، ناھايىتى زور دەرىجىدە قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، خالاس.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تىرىلمىچىلىكىنىڭ گۈلدۈرى بار يامغۇرى يوق بولۇپ قالدى، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب: ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەت جەھەتتىكى ئىختىلابىنىڭ بولغانلىقىدا، ئوتتۇرا شەرقى ياۋروپا ۋە بالتىق دېڭىزدىكى ئەزا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئاكتىپلىق بىلەن كىرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب- ئۇلار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كوللېكتىپ مۇداپىئەلىنىش چوڭ بايرىقى ئاستىدا ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن ئۇكرائىنا كىرزىسىدىن كېيىن رۇسىيە بىلەن غەرب كەسكىن تىركەشتى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خاتىرجەمسىزلىنىش تۇيغۇسى كۈچەيدى. ئۇلار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كوللېكتىپ مۇداپىئەلىنىشكە قايتىپ كېلىشىنى، شەرقى ياۋروپادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىدىكى ئاساسلىق كۈچلەرنى كۈچەيتىشىنى تەشەببۇس قىلدى.
ھالبۇكى گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەزا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەتىنى نەزەرگە ئېلىپ، رۇسىيەدىن ئۈزۈل كېسىل يۈز ئۆرۈشنى خالىمايدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ھەمكارلىق بولغان ھەمدە قارشىلاشمايدىغان جۇغراپىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك مۇھىت قەرز كىرزىسى قىيناۋاتقان ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پايدىلىق. ئۇندىن باشقا، بۇ دۆلەتلەر شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، رۇسىيە گەرچە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە كۈچلۈكلىكىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بىرەر دۆلەتكە تېخىمۇ زور ئىستراتېگىيەلىك خېيىم-خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ تاجاۋۇز قىلمايدۇ ۋە ھۇجۇم قىلمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەت ئىختىلاپى ئۇكرائىنا مەسىلىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بوشۇشۇش ئەھۋالىنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، تەسىر كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى- مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت بولۇپ قالدى. ئەسلىدە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئامېرىكا گەرچە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ دىققەت قىلىش دەرىجىسى مەلۇم دەرىجىدە ئاشتى، دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى- شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن ئىبارەت بۇ سەھنىدىن پايدىلىنىپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ كېتىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش ئېلىپ كەلگەن بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
لېكىن ئامېرىكىنىڭ بۇ مەقسىتى ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قىزغىنلىق بىلەن ئىنكاس بىلدۈرۈشىگە ئېرىشىشى تېخىمۇ تەس. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى ئەزالىرى گەرچە ھەربىي راسخوتنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2گە كۆپەيتىشكە قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ چەكنى ئون يىل ئىچىدە بولىدۇ دەپ بېكىتتى. ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرگە قارىغاندا، بۇ ۋەدە بەلكى ئاغزاكى قۇرۇق ۋەدە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
قۇرۇلغىنىغا 65 يىل بولغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى نۆۋەتتە بۇرۇلۇش ياساشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا. بولۇپمۇ يىل ئاخىرىدا ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش ۋەزىپىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كوللېكتىپ مۇداپىئەلىنىشكە قايتىپ كېلىشى ياكى يەر شارى ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملاشتۇرىشىغا كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك دىققەت قىلماقتا. قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ قېتىمقى ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدىكى كىچىككىنە مۇۋەپپەقىيەتلەردىن قارىغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تىرىلمىكى ئاسان ئەمەس.
بىلۇمبېرگ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، نېفىت بازىرىنىڭ خارابلىشىشى رۇسىيەدە ساقلىنىپ قالغان باشقا ساھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇلار گۈللەپ ياشناش ئۇسۇلىنى تاپتى.
رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن مالىيە...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved