↑↑↑سۈرەتتە ئاسىيا پۇتبول ئەپەندىسى ناسىر ئەل شامران
پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق چوڭ مۇراسىمى ۋە 2015-يىللىق مۇكاپاتلاش چوڭ پائالىيىتى فىلىپىن پايتەختى مانىلادا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلاش چوڭ يېغىنىغا ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇلاتتېر ( خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى) ۋە پۇلاتتىننى (ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى) قاتارلىق ئالاھىدە مېھمانلارنىمۇ تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبىنىڭ مۇئەققەت باش مەشقاۋۇلى فابىئۇ كانناۋارو مۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
2014-يىللىق ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇكاپات تارقىتىش چوڭ مۇراسىمىدا باھالانغان ھەر قايسى مۇكاپات تۈرلىرى ۋە ئېرىشكۈچىلەر.
ئاسىيا پۇتبول ئەپەندىسى: ناسىر ئەل شامران (سەئۇدى ئەرىبىستان)
ئاسىيا پۇتبول خانىشى: گورى (ئاۋستىرالىيە)
ئەڭ ياخشى ئەر مەشقاۋۇل: بوبوۋىچ ( سىدنىي سەرگەردان كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇلى).
ئەڭ ياخشى ئايال مەشقاۋۇل: جۇبېن مازى (ياپونيىيە ئاياللار 17 ياشلىقلار كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى)
ئەڭ ياخشى كۇلۇب: سىدنىي سەرگەردان كۇلۇبى (ئاستىرالىيە).
ئەڭ ياخشى ئەرلەر پۇتبول دۆلەت كوماندىسى: پەلەستىن.
ئەڭ ياخشى ئاياللار پۇتبول دۆلەت كوماندىسى: ياپونىيە 17 ياشلىقلار كوماندىسى
ئەڭ ياخشى ئەر رېپىر: ئىلماتوف ( ئۆزبىكىستان)
ئەڭ ياخشى ئايال رېپىر: گانى (مالايسىيە)
ئەڭ ياخشى چەتنىڭ ياردەمچى ئەزاسى : گىئان (گانا).
ئەڭ ياخشى چەتئەللىك ئەزا: گېردناك ( ئاۋستىرالىيە).
ئادىل رىقابەت مۇكاپاتى: كورىيە.
ئاسىيا ئالماس مۇكاپاتى: شىياۋساڭ چۈنئېر(ياپونىيە)
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved