چاۋشىيەندە پەقەت 7200 تورداش بار

     ئامېرىكا TNWتور بېتىنىڭ 29-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېڭى بىر تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، شىمالىي كورىيەدە پەقەت 7200 تور ئابۇنتى بار ئىكەن.

   بازار تىجارىتى شىركىتى We Are Socialئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كىم جوڭئۇن رەھبەرلىكىدىكى شىمالىي كورىيە پەقەت %0.03 نوپۇسنىڭ تورغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، شىمالىي كورىيەدىكى تورداشلار سانى پەقەت 7200 نەپەر. بۇ سان ئوتتۇرا كۆلەمدىكى شىركەتنىڭ خادىم سانىغا يەتمەيدۇ ھەم ئەنگلىيە كامبرىيا ۋىلايىتىنىڭ نوپۇسىغا يەتمەيدۇ.

شىمالىي كورىيە بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى، ئىسلاندىيەدە %98 نوپۇس تورغا چىقىدۇ.

ئەلۋەتتە، بۇ شىمالىي كورىيەلىكلەرنىڭ ھەممىسى تورغا چىقمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. شىمالىي كورىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى تورى بار، Kwangmyongدەپ ئاتىلىدۇ، «نۇرلۇق» دېگەن مەنىدە.

ئەمما، بۇ خىل ئىچكى تور دۇنيا ئېنتىرنېت بىلەن ئۇلانمىغان، بۇ سىرتقى توردىكى ھەرقانداق مەزمۇننىڭ شىمالىي كورىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىچكى تورغا كىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ھەمدە قولدا چىقىرىش شەكلىدە ئىچكى تورغا كىرگۈزۈلىدۇ.

ئەگەر تەلىيىڭىز كېلىپ شىمالىي كورىيەدە ياشاپ قالسىڭىز، ئۈستەل كومپيۇتېرىڭىزنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ Red Star(قىزىل يۇلتۇز) ئىكەنلىكىنى بايقايسىز، دەسلەپكى نەشردىكى OS Xسىستېمىسىغا ناھايىتى ئوخشايدۇ، ئەمما پەقەت شىمالىي كورىيەدىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
29-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
09-05-2016
    خەلقئارا باھالاش ئورگىنى Fitchنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا ئىپادىلىنىشىچە، 2016-يىلى 3-ئايدا قازاقىستاننىڭ پۇل پاخاللىقى يەتتە يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە %15.7 كە يەتكەن. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا پ...
09-05-2016
    ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يېقىندا ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانياخۇنىڭ ئىسرائىلىيە جولان ئېگىزلىكىدىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەيدۇ، دېگەن باياناتىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، جولان ئېگىزلىكىنىڭ ئورنىنىڭ يەنىلا ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىد...
09-05-2016
    ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى لېئوناردو دىكاپرونىڭ Instagramدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىراندىكى ئۇرمىيە كۆلىنىڭ كۈنسېرى تارىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىگە قارىتا، ئىران غەربىي ئەزەربەيجان...
09-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 8-ماي، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ جايدىكى ئامما يىغىلىپ قىسقارتىش قانۇن لايىھەسىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن بولۇپ، ساقچىلار بىلەن ئامما ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
09-05-2016
    5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئانىلار بايرىمى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بۇ كۈندە ۋىدىيو ئارقىلىق ئانىسى ۋە ئايالى مىچىلغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.     ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تەبرىك سۆزى قىلغاندا، بارلىق ئان...
09-05-2016
    ھىندسىتاننىڭ مانىپۇر شىتاتىدىكى ئانىلار بازىرى يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئايال سېتىقچىلار مەركىزىگە ئايلانغان.     ئانىلار بازىرى شۇ جايدىكى سېتىقچىلار مەركىزى ۋە سودا مەركىزى بولۇپ، ھىندىستانلىقلار بۇ ...
09-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئامېرىكا ۋاشىنگتون، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئامېرىكىدىكى داڭلىق نېگىرلار ئۇنىۋېرسىتېتى خوۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە پەخرىي دوكتورلۇق ئۈنۋانىغا ئېرىشت...
09-05-2016
     ھازىرقى ئەھۋالدا ھىلارى ئۇتۇپ چىقىدۇ     ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى رەقىبى كىرۇز ۋە كاسىچ ئارقا - ئارقىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى، يەر-مۈلۈك ماگناتى ترامپ 2016 - يىللىق ئامېرىكا جۇمھۇ...
09-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا ئاممىۋى بىخەتەرلىك مىنىستىرى جۇدېر مۇنداق دېگەن: مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ كۆلىمى 1500 كۋادرات كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتتى، كەلگۈسى 24 سائەت ئىچ...
09-05-2016
 ماتېرىيال سۈرەت : رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن    رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىجتىمائىي جامائەت فوندى ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق...
Powered by Leglek