تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورىيە بىلەن چاۋشىيە «8.25 كېلىشىمى» نى تۈزگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىشى كۆپەيگەن بولۇپ، چاۋشىيەندە زىيارەتتە بولغان كورىيەلىك كىشىلەر 5 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ سانغا يەتكەن.
كورىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگىنىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، چاۋشىيەندە زىيارەتتە بولغان كورىيەلىك كىشىلەرنىڭ سانى 1778 گە يەتكەن، بۇ سانمۇ ئۆتكەن يىلدىكىدىن 3 ھەسسە ئۆرلىگەن. چاۋشىيەندە زىيارەتتە بولغاندا مەدەنىيەت ئالماستۇتۇش تۈرلىرى ئەڭ كۆپ بولغان بولۇپ، 1481 كىشى مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تۈزلەر جەھەتتىن چاۋشىيەندە زىيارەتتە بولغان.
2010-يىلى چاۋشىيەندە زىيارەتتە بولغان كورىيەلىكلەر 6200 دىن ئارتۇق كىشىگە يەتكەن بولۇپ، كورىيە چاۋشىيەنگە جازالاش تەدبىرى كۆرگەندە 2011-يىلى چاۋشىيەندە زىيارەتتە بولغان كورىيەلىكلەر 1600 كىشىگە چۈشۈپ قالغان، 2012-يىلى ۋە 2013-يىلىمۇ ئىنتايىن ئاز كىشىلەر چاۋشىيەندە زىيارەتتە بولغان.
2010-يىلى 3-ئايدا كورىيەنىڭ «چون ئان »ناملىق مۇھاپىزەتچى پاراخوتى غەربىي دېڭىز تەۋەسىدە پارتلاش سەۋەبىدىن چۆكۈپ كەتكەن بولۇپ، كورىيە تەرەپ بۇ ۋەقەنىڭ چاۋشىيەننىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە «5.24 جازالاش تەدبىرى» نى تۈزۈپ چىققان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved