ئىسرائىلىيەدىكى جىنسىي سەتچىلىككە چېتىشلىق ئەمەلدار ئىستىپا بەردى

       جىنسىي زىيانكەشلىك قىلدى دېگەن ئەيىبلەش تۈپەيلىدىن، ئىسرائىلىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سىلۋان شالوم مۇشۇ ئاينىڭ 20- كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكى ھەمدە سىياسىي سەھنىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى.«ھازىرقى مۇھىتتا، مەن مىنىستىرلىق ۋە پارلامېنت ئەزالىق ۋەزىپەمدىن ئىستىپا بېرىمەن.» دېدى سىلۋان شالوم باياناتىدا. ئۇ ئۆزىنى پاكمەن دەپ چىڭ تۇردى، ھەمدە ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئەيىبلەشنىڭ دەردىنى يېتەرلىك تارتقاچقا ئىستىپا بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە «زېمىن گېزىتى» دە ئۆتكەن ھەپتە ئىلگىرى سىلۋان شالومنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن بىر ئايالنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، سىلۋان شالومنىڭ 10 نەچچە يىل ئىلگىرى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا پەسكەشلىك قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى.

سىلۋان شالوم بۇ ئىشنى ئىنكار قىلىپ، بۇنداق گەپنىڭ ئۇ بۇلتۇر پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتناشقان مەزگىلدىلا پەيدا بولغانلىقى، بۇنىڭ قەستەن قارا چاپلاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

     ئىسرائىلىيە «زېمىن گېزىتى» دە ئۆتكەن ھەپتە بۇ ئىش توغرىسىدا خەۋەر بەرگەندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئاياللار ئوتتۇرىغا چىقىپ، سىلۋان شالومنىڭ ئۆزلىرىگە جىنسىي زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئىسرائىلىيەدىكى ئوڭ قانات پارتىيە- گۇرۇھىدىن بولغان ئۈچ نەپەر پارلامېنت ئەزاسى باش تەپتىش ئەمەلدارى ياھۇدا ۋېنستېنغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن سىلۋان شالومنى تەكشۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، چۈنكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى پەقەت بىرلا ئادەم ئەمەس ئىكەن.

     خەتتە مۇنداق يېزىلدى: «سايلام ئارقىلىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بىر ئەمەلدار (بۇنداق ئىشقا) سۈكۈتتە تۇرۇۋالماسلىقى ياكى ئىنكار قىلىپلا تۇرۇۋالماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش ۋە ساقچى تەرەپنىڭ ئەيىبلىشىگە ئىنكاس قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار.»

سۈرەتتە: شارون (ئوتتۇرىدا) ۋە سىلۋان شالوم (ئوڭدا)


   سىلۋان شالوم ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى باش تەپتىش ئەمەلدارى ياھۇدا ۋېنستېننىڭ تەكشۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەدە ئەمەلدارلارنىڭ جىنسىي سەتچىلىككە چېتىلىپ قېلىش ئەھۋالى ئاز ئەمەس، شىنخۇا تورىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئېرۇسالىم ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ئىئوردان دەرياسى شەرقىي قىرغىقى ئىسرائىلىيە ساقچى تەرەپنىڭ مەسئۇلى، ئىسرائىلىيە ساقچى تارمىقىنىڭ مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى قاتارلىقلار بۇنىڭ ئىچىدە بار ئىكەن. ئىسرائىلىيەنىڭ باش تەپتىش ئەمەلدارى ياھۇدا ۋېنستېن بۇ يىل 1- ئايدا ئاممىنى جىنسىي سەتچىلىك تۈپەيلىدىن ساقچى تەرەپكە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويماسلىققا مۇراجىئەت قىلدى.

بۇ تۈردىكى ۋەقەلەر ئىچىدە، كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتقىنى ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق پرېزىدېنتى موشې كاتساۋدۇر. موشې كاتساۋ 2000- يىلى پرېزىدېنت بولغان بولۇپ، 2006- يىلى ئىلگىرى ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن بىر قانچە ئايال ئۇنىڭ جىنسىي زىيانكەشلىكى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان، 2007- يىلى موشې كاتساۋ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 2010- يىلى 12- ئايدا، سوت مەھكىمىسى موشې كاتساۋنى باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتى بار دەپ بېكىتكەن. موشې كاتساۋ 2011- يىلى 3- ئايدا يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.



خەتكۈچلەر:
22-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek