شۇ جاينىڭ ۋاقتى 22-ئاۋغۇست، ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى فىلىپ خارمونىت، ئەنگلىيەنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇشۇ ھەپتە ئېلان قىلىنغان ئامېرىكىلىق مۇخبىرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ۋىدېيودا، يۈزىنى ئورىۋالغان كىشىنىڭ ئەنگلىيەلىك پۇقرا ئىكەنلىكى گۇمان قىلىنغان، ئەنگلىيە ساقچىلىرى ۋە بىخەتەرلىك تارماقلىرى بۇ كىشىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىماقچى بولغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، «ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىغا چەتئەللىك تەخمىنەن 2 مىڭ كىشى قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆتتىن بىر قىسىم كىشى ئەنگلىيەلىك ئىكەن، خارمونىت، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم تەدبىر قوللىنىپ، ئەنگلىيەلىك پۇقرالارنىڭ سۇرىيەگە ياكى ئىراققا بېرىپ غازاتقا قاتنىشىشنى توسماقچى بولدى دېگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved