ھىندىستان گۈزىلى ئاشۋارىيا راي

ئاشۋارىيا راي 1973-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان. ھىندىستان كىنو چولپىنى، ھىندىستان بوللىۋودىنىڭ بىرىنچى گۈزىلى دەپ نامى بار. ئۇ دەسلىپىدە مودىللىق سالاھىتى بىلەن ئوتتۇرغا چىققان بۇلۇپ، ھىندىستان ئەنئەنىۋى سارىسى ، كولا ۋە ئوۋلەييا گىرىم بۇيۇملىرىغا ئوبرا ۋەكىلى بولغان. ئۇ يەنە1994-يىلىدىكى دۇنيا گۈزىلىنى تاللاش مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن بۇلۇپ ، ھىندىستاننىڭ ئەڭ گۈزەل چولپىنى ھېسابلىندۇ. ئاشۋارىيا ھازىرغىچەئون نەچچە فىلىمدە رول ئالغان، گۈزەل خانىش دېگەن نامى بار ، 2003-يىلى فىرانسىيە كىنو بايرىمىدا ھىندىستان بويىچە تۇنجى تەكلىپ قىلىنغان باھالىغۇچى بولغان. مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسىدا قۇيۇلغان ‹بوللىۋودتىكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت› ناملىق فىلىمىمۇ دەل مۇشۇ گۈزەل ئاشۋارىيانىڭ رول ئالغان فىلىمى.

 

خەنزۇچە ئىسىم يېزىلىشى艾西瓦娅。雷


ئېنگىلىزچە ئىسىم يېزىلىشى:AISHWARYA RAI.

 

دۆلەت تەۋەلىكى :ھىندىستان

 

تۇغۇلغان جايى : بانگالور شەھرى

 

تۇغۇلغان ۋاقتى :1973-يىلى 11-ئاينىڭ1-كۈنى

 

كەسپى : ئاكتىيور مودىل

 

بوي ئېگىزلىكى 170cm

 

يۇلتۇز تۈركۈمى:ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمى

 

بەدەن ئېغىرلىقى: 55 كىلوگىرام

 

ئائىلە ئەزالىرى: دادىسى كىشان راج( دېڭىز ئارمىيسى ئەمەلدارى)


ئىشلىتىدىغان تىلى : ئۇردۇ تىلى

 

نامى: ھىندىستان بىرىنچى دەرىجىلىك گۈزىلى

 

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايال ئارتىس: مەدھۇرى دىكشىت، مەدھۇ باللا

 

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەر ئارتىس : راج كاپور

 

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تېمىسى: ھايۋاناتلار ئىلمى

 

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رەڭ : قارا

 

ئەخلاقى: ئاقكۆڭۈل ، ھېچقانداق ھۆسىن تۈزەش قىلىپ باقمىغان.
ياقتۇردىغىنى: سەمىمىيلىك، ئائىلىسى ، دوستى، غورۇر ،


يېمەكلىك ئادىتى : تاماق تاللايدىغان ئادىتى يوق

 

 

ئاشۋارىيا توغرىسىدىكى قىزىقارلىق خەۋەرلەر

 


بوللىۋودنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك گۈزەلى ئاشۋارىيا راي ، ھوللىۋود گۈزىلى جۇلىيا تەرىپىدىن ‹دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال› دەپ تەرىپلەنگەن. بۇ بوللىۋود گۈزىلى ناھايتى بۇرۇنلا ھوللىۋودقا كىرىشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ ، ئېكراندابەزى كۆرۈنىشلەرگە چىقىش چىىقماسلىق مەسلىسى ئۈستىدە بەك ئىككىلىنىپ قالغان.

 

21 ياشلىق ئاشۋارىيا 1994-يىلىدىكى دۇنيا گۈزىلىنى تاللاش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىكنى ئېلىپ شۇنىڭدىن كېيىن خەلىقئارا ۋە ھىندىستان كىنو ساھەسىدىكى ئەڭ تۇنۇش چولپانلارنىڭ بىرگە ئايلانغان. ئۇ 2003-يىلى ئەنگىليە ‹ياخشىمۇسىز› ژورنىلى تەرىپىدىن 2003-يىلىدىكى ئەڭ جەلىپكار ئايال دەپ تاللانغان. ئەزەلدىن ئېكراندا سۆيۈشكەن كۆرۈنىشنى ئېلىپ باقمىغان ئاشۋارىيا جەمىيەت ۋە مەدەنىيەت پەرقىنى ئۇنىڭ ھوللىۋودقا كىرىشىدىكى توسالغۇ دە پ قارايدۇ.

 

مۇھەببەت سەزگۈرەشتىسى

 

ئاشۋارىيا راينىڭ ئالدىنقى ئوغۇل دوستى سالمانخان، بىراق چىقىشالمىغانلىق سەۋەبىدىن ئايرىلىپ كەتكەن. ئۇ كېيىن يەنە ۋېۋىك ئوبروي بىلەن مۇھەببەتلەشكەن. بوللىۋودتتىكى كىچىك باچچان دېيىلدىغان ئابىشخېك باچچان (ئامىتاب باچچانىنىڭ ئوغلى ) گەرچە باي ئائىلىنىڭ ئوغلى بولسىمۇ ،ئۆز كۈچىگە تايىنىپ كەسپتە ئۇتۇق قازانغان، ئۇ دەل ئاشۋارىيانىڭ يولدىششى، ھازىر بىر قىزى بار . ئابىشخېك باچچانمۇ تويدىن بۇرۇن باشقىلار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باققان. بوللىۋود چولپىنى كارىسماكاپور(كارىننا كاپورنىڭ ئاچىسى ) بىلەن توي چېيى ئىكۈزۈلگەن. بىراق كېيىن كارىسما باشقا بىر سودىگەر بىلەن توي قىلغان. ئابىشخېك باچچان يەنە مودىللىق ساھەسىدىكى داڭدار قىز دىبانىسا سامار بىلەن بىر مەزگىل مۇھەببەتلەشكەن. ئەڭ ئاخىرىدا ھىندىستان گۈىلى ئاشۋارىيا بىلەن توي قىلغان. بۇ ئىككەيلەن 2000-يىلى بىر فىلىمدە ھەمكارلىشىپ رول ئالغان. شۇ ۋاقىتلاردا كارىسما كاپور بىلەن ئابىشخېك باچچان مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىل ئىدى. ئاشۋارىيا بىلەن بولسا ئادەتتىكى دوست مۇناسىۋېتىدە ئىدى، ئاشۋارىيا بىلەن ئابىشخېك 2000-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە نۇرغۇن فىلىملەردە بىرلىكتە رول ئالغان بولسىمۇ شۇ چاغقىچە مۇناسىۋېتى دستلۇقتىن ھالقىمىغان ئىدى ئەمما ئۇلارنى مۇھەببەتلىشىۋاتىدۇ دېگەن پىتنە پاسات ئىككىسى بىرلىكتە رول ئالغان‹ باندى بىلەن بابىلو › فىلىمىدىن كېيىنلا تارقالغان ئىدى. بۇ فىلىمنىڭ ناخشىسى 2005-يىلى ھىندىستاندىكى ئەڭ مۇنەۋەر ناخشا مۇكاپايىغا ئېرىشكەن ئىدى. كېيىن ئىكككىسى‹ ياخشى ئادەم بولاڭ تەس › ناملىق فىلىمدىن كېيىن ئۇرىشىشقا باشلىغان، 2006-يىلى مۇناسىۋېتى بەكلا ياخشى بۇلۇپ ، ئىزچىل بىر كىنودا رول ئالغان . شۇ يىلى ئابىشخېك باچچاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئىكەيلەننىڭ بىر كېچە ئۇسۇل ئوينىغانلىقى يېزىلغان. كېيىن خۇددى ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ يازغىنىدەك ئىككىسى توي قىلغان.

 

ئىلگىركى يىللاردىكى كەچۈرمىشى

 


ئاشۋارىيا راي، 1973-يىلى ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئەنئەنىۋى قائىدە يۇسۇندا باشقۇرىلدىغان ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئالىي مەكتەپكەسپىنى قۇرۇلۇش كەسپىدە ئۇقۇغان. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن مودىل بولغان. ئۇنىڭ گۈزەللىكى ۋە قابىلىيىتى بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن سودىگەرلەرنىڭ دىىققىتىنى تارتقان ۋە ئېلان ئىشلەشكە تەكلىپ قىلغان. ئەڭ داڭلىق ئېلانلاردىن ، ھىندىستان ئەنئەنىۋى سارى ئېلانى ۋە كولا ئېلانى بار . ئەلۋەتتە ئۇنىڭ كۆز رەڭگى ۋە گۈزەللىكى بوللىۋودتىكى رېژىسورلارنى ئۆزىگە قاراتقان. كېيىنچە ئاشۋارىيامۇ رېژىسورلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلماي كىنو ئىشلەشكە باشلىغان. ئۇ رول ئالغان تۇنجى فىلىم ‹ئۇسۇل شاھزادىسى› باھالىغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇ رول ئالغان داڭلىق فىلىملەردىن :‹ ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن قىلىنغان يالغان سۆز › ‹ 1998› ‹ بوللىۋودتىكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت › قاتارلىقلار بار . 19997-يىلى ئاشۋارىيا ئۆزىنىڭ ئۇسۇل ئويناشتىكى تالانتى بىلەن مەملىكەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، ئاشۋارىيا بىر، كۆپكە ماھىر تالانتلىق ئاكتىيور .



مانا بۇيۇقىرقىلار بىز تۇنۇشتۇرۋاتقان ھىندىستانننىڭ كىنو چولپىنى ئاشۋارىيا راينىڭ تۇرمۇشى ۋە كەسپى نەتىجىللىرى .




(ھۆرمەتلىك تورداش سىز تېخىمۇ كۆپ داڭلىق چولپانلارنىڭ تۇلۇق تەرجىمھالىنى ئۇقۇپ ئۇلارنى چۈشىنىشنى خالامسىز ؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭىز داۋاملىق لەگلەك تورىنىڭ مەشھۇر شەخىسلەر سەھىپىسىدىكى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان مەزمۇنىدا بولسۇن)
 



خەتكۈچلەر:
24-03-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
26-05-2016
 ما يۈن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر، باشقىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭ چەت ئەللىك دوست ئەربابلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت...
26-05-2016
جۇرۇڭفا 80-يىللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تىپىك روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى، ئۇ شەرق ئەرلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. ئۇ 42 يىللىق كەسپى ھاياتىدا كۆپلىگەن ئوبرازلارنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەل...
Powered by Leglek