ئىراقتىكى رادىكال تەشكىلات 11–ئىيۇن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى نىنېۋېھ ئۆلكىسىنى كونترول قىلىۋالغانلىقىنى جاكارلىدى .
ئىراق ساقچى تەرەپ 11– ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلاتنىڭ سالاھۇددىن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى تىكرىتنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى ئېيتتى . ئىگىلىنىشىچە ، تىكرىت ئىراقنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى سادامنىڭ يۇرتى ئىكەن .
ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان موسۇل شۇ يەر ۋاقتى 10–ئىيۇن قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن ئىگىلەنگەندىن كېيىن ، 500 مىڭ يەرلىك خەلق قېچىپ كەتكەن .
يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، شۇ يەر ۋاقتى 10–ئىيۇن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر نىنىۋېھ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ، ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى مۇسولنى ئىگىلىۋالغان ، 500 مىڭغا يېقىن يەرلىك خەلق قېچىپ كەتكەن . قېچىپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى يېقىن ئەتراپتىكى كۇردىش رايونىدىكى شەھەر–بازارلارغا كەتكەن ، يەرلىك ھۆكۈمەت 3 شەھەر–بازار ئەتراپىغا ۋاقىتلىق مۇساپىرلار لاگىرى قۇرغان ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان .
ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىراقنىڭ پارلامېنت باشلىقى نۇجېف شۇ يەر ۋاقتى 10–ئىيۇن ھەربىي تەرەپنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا بىپەرۋالىق قىلغانلىقىدىن مۇسولنىڭ قوراللىق كۈچلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ، بۇنى قاتتىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان .
CNN نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ‹‹ ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى ›› بازا تەشكىلاتىدىن تەرەققىي قىلغان . 2006–يىلى ئۇلارنىڭ ‹‹ باشلىقى ›› زاركاۋى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان . زاركاۋى بىر مەزگىل بازا تەشكىلاتىدىكى 3–نومۇرلۇق شەخس بولغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved