بەيدۇ تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
يېقىنقى ئىككى ئۈچ كۈندىن بۇيان ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى نۇرغۇن جايلاردا، پارتىلىتىش خاراكتېرلىك توقۇنۇش يەنە يۈز بېرىپ ئۆلۈم يىتىم بولدى .شۇنىڭ بىلەن روسىيە 4-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ ،رۇسىيىنىڭ ئوكرائىناغا يېقىن بولغان چىگرىسى ئەتراپىدىكى رايوندا مانېۋېر باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى .
ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىدارىسى ھەربىيلەر بىلەن ساقچىلار ، قوراللىقلارنىڭ سىلاۋىيانىسكى شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا تەسىس قىلغان ئۈچ قارغا ئېلىش قاراۋۇلخانىسىنى بىتچىت قىلىپ ،بەش قوراللىق خادىمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى .سىلاۋىيانىسكى شەھىرىنىڭ بىر چېتىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدىن خەۋەر بەرگەن مۇخبىر مۇنداق دېدى :‹ھازىر روسىيەپەرەس قوراللىىقلار بالونلار بىلەن يولنى توسۇپ قويغان بۇلۇپ ،ئۇلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە شۇ كۈن ئەتىگەن ،دەل مۇشۇ مەيداندا ئۇلار ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى بىلەن قاتتىق بىر مەيدان ئېلىشىپ كەتكەن .ھازىر ئېتىشقان يەنە بىر تەرەپ ، بىرونىۋېكلىرىنى ئېلىپ نەق مەيداندىن ئايرىلدى ›.
تۈنۈگۈن ، يەنى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى رۇسىيىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى رۇسىيىنىڭ غەربىي ۋە جەنۇبىدىكى رايونلىرىنىڭ شۇ كۈندىن باشلاپ رۇسىيىنىڭ ئوكرائىناغا يېقىن جايدىكى چېگرا رايونىدا مانېۋېر باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى .ئۇ مۇنداق دېدى :‹ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىنىڭ ۋەزىيىتى روسىيەنى بىئارام قىلدى ،شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرى پولشا ۋە بالتىق دېڭىز بويىدىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ مانېۋېر ئۆتكۈزۈشى ،ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ نورماللىقىغا پايدىسىز ،روسىيە ۋەزىيەتنىڭ بۇ خىل تەرەققىياتىغا جاۋاب قايتۇرماي تۇرالمايدۇ ›.شۇ كۈنى روسىيە بىلەن ئامېرىكا ، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر بىرىنى ئەيىبلەپ كەتكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved