‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ قوراللىقلىرى 1 – ئاپرېل سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىققە يېقىن جايغا يوشۇرۇن كىرگەندىن كېيىن تېز كېڭىيىپ، 4 – ئاپرېل دەمەشىق شەھەر رايونىدىن بەش كىلومېتىر كېلىدىغان بىر بازارنى ئاساسەن تىزگىنلىدى. بۇ، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ دەمەشىق شەھەر ئەتراپىنى تۇنجى قېتىم ھۇجۇم قىلىپ ئىشغال قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
تەھلىلچىلەر سۇرىيە – ئىراق چېگراسى نامدىلا قالغان بولغاچقا، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا قاتراپ يۈرۈشىدىن، ئىراقتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىغا ئەگىشىپ، سۇرىيەنىڭ ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ.
كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق قارىدى: سۇرىيە بىلەن ئىراقتىكى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپ بىرلىشىپ زەربە بەرگەندىلا، ئاندىن بۇ ‹‹زەھەرلىك ئۆسمە››نى يوقاتقىلى بولىدۇ.
‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى ئۈچ كۈندىلا 150مىڭ ئاھالىسى بار يارموك مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ %90 رايونىنى تىزگىنلىدى. يارموك مۇساپىرلار لاگېرى ئەسلىدە سۇرىيە پەلەستىنلىك مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان لاگېر بولۇپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ دەمەشىق شەھىرى سىرتىدىكى بازارغا ئايلانغان.
باش ئىشتابى ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىگە جايلاشقان سۇرىيەنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىنى كۆزەتكۈچىلەر تەشكىلاتى مۇنداق دېدى: ئەسلىدە يارموك مۇساپىرلار لاگېرىنى ئىشغال قىلىۋالغان سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ يېرۇسالېمنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر كىچىك رايون ئىچىگە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى، قالغان كوچىلارنى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى ئىشغال قىلىۋالدى.
يېرۇسالېمنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى دۆلەت ھالقىغان قوراللىق تەشكىلات بولۇپ، 2013 – يىلى يارموك مۇساپىرلار لاگېرىنى ئىشغال قىلىۋالغان، شۇنداقلا يەنە بىر رادىكال تەشكىلات ‹‹قوللىغۇچىلار فىرونتى›› بىلەن سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە بىرلىشىپ قارشى تۇرغان. ‹‹قوللىغۇچىلار فىرونتى›› 1 – ئاپرېل ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى قوراللىقلىرىنىڭ مۇساپىرلار لاگېرىغا كىرىشىگە يول قويغان. يېرۇسالېمنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى بۇنى بايقاپ قېلىپ، ئوت ئېچىپ توسۇماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمەلىي كۈچى ئاجىز كېلىپ، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى قوراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ قالالمىغان.
‹‹قوللىغۇچىلار فىرونتى›› ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيەدىكى تارمىقى بولۇپ، ئۇنىڭ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سىرلىق. بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ ئارىسىدا سۇرىيەنىڭ مەلۇم رايونلىرى توغرىسىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت بولسىمۇ، يەنە بەزى تەرەپلەردە ھەمكارلاشقان. ھازىر ‹‹قوللىغۇچىلار فىرونتى››نىڭ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى قوراللىقلىرىنىڭ مۇساپىرلار لاگېرىغا كىرىشىگە يول قويۇشىدىكى مەقسىتى تېخى نامەلۇم.
‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى قوراللىقلىرىنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇشى دەمەشىق ئاھالىسىنى ساراسىمىگە سېلىپ، قويدى ئاھالىلەر قوراللىقلارنىڭ دەمەشىق شەھەر ئىچىگە سىڭىپ كىرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. سۇرىيەدىكى سىياسىي تەھلىلچى ماھىر مورھېگگى مۇنداق دېدى: ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتا يەنىمۇ زەربىگە ئۇچرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ نەچچە مىڭ ئەزاسى سۇرىيەگە كىرىدۇ.
‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى مارتنىڭ ئاخىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، سەلەخددىن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى تىكرىت شەھىرىنى قولدىن بېرىپ قويدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ئاپرېلنىڭ بېشىدا دەمەشىق شەھىرى ئەتراپىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى.
‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى سۇرىيەنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە ئىراقنىڭ غەربىدىكى نۇرغۇن زېمىننى تىزگىنلىگەن بولغاچقا، ئەزالىرى سۇرىيە بىلەن ئىراق ئارىسىدا تېز يۆتكىلىپ يۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ ئۇۋىسىنى تازىلاشنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى.
مورھېگگى مۇنداق دېدى: ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى ئىراقتا ئاجىزلاشتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ نېفىتتىن قىلىدىغان كىرىم مەنبەسى ئۈزۈۋېتىلدى. لېكىن، سۇرىيەنىڭ بۇ تەشكىلاتقا تاقابىل تۇرۇش بېسىمى تېز ئېشىۋاتىدۇ.
ھازىر غەرب دۆلەتلىرى كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىراقتىكى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى قوراللىقلىرىغا زەربە بېرىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ تەشكىلاتنىڭ سۇرىيەدىكى ئەزالىرىنى مەيلىگە قويۇۋېتىش پوزىتسىيەسىدە بولۇۋاتىدۇ. بۇ، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى. سۇرىيەدىكى سىياسىي تەھلىلچى مەھمۇر مۇررى مۇنداق دېدى: بەزى رايونلار ۋە خەلقئارا كۈچلەر ئىراقتىكى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى قوراللىقلىرىنى يوقىتىشنى پىلانلاپ، ئۇنىڭ سۇرىيەدىكى ئەزالىرىغا سەل قاراۋاتىدۇ.
مۇررى مۇنداق دېدى: ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بېرىدىغان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ھەربىي بىرلەشمە ئىتتىپاق ئىراقتا ھەربىي ھەرىكەت قوللانغاندا، ئىراق ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلاشتى، لېكىن، سۇرىيەدە بۇ تەشكىلاتقا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغاندا سۇرىيە دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلاشمىدى. شۇڭا، ئىراقتا ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئۈنۈمى سۇرىيەدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بولدى.
سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر ئاساد مارتنىڭ ئاخىرىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئامېرىكىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتتە مەقسىتىگە يېتەلمەيلا قالماي، ئەكسىچە بۇ تەشكىلاتنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۈچىنى زورايتىۋېلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى.
سۇرىيەدىكى سىياسىي تەھلىلچى ئوساما دەننۇرا مۇنداق دېدى: ئىراقنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنىلا ئويلىشىپ، سۇرىيە بىلەن كارىڭلار بولمىسا بولمايدۇ، چۈنكى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئىراققا يوشۇرۇن قايتىپ مالىمانچىلىق پەيدا قىلىدۇ. بۇ تەشكىلاتقا زەربە بېرىش جەريانىدا سۇرىيە بىلەن ئىراق ئوخشاش بىر سەپتە تۇرۇش كېرەك.
دەننۇرا مۇنداق دېدى: ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە ۋە ئىراقتىكى كۈچىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، سۇرىيە بىلەن ئىراقتىكى قوشۇنلارنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
دەننۇرا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ھەربىي بىرلەشمە ئىتتىپاق ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى ئەزالىرىغىلا زەربە بەرسە، ئۇلارنى سۇرىيەگە ئېقىپ كىرىشكە، ھەتتا باشقا دۆلەتلەرگە قېچىپ بېرىشقا مەجبۇرلاپ، رايون مۇقىملىقىغا تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved