خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئىقتىسادى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى كۆپەيدى

 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر خەلقئارا ئىقتىسادى قاتارلىق تەشكىلاتلاردا باشلامچىلىق رولنى ئويناپ، ئىلگىرىكى غەرب ئەللىرىلا باشلامچىلىق قىلىدىغان ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتتى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆزلەش پۇرسىتى كۆپەيدى، سۆزلەش ھوقۇقى زورايدى، تەسىر كۈچى ۋە ئىقتىسادىي كۈچىمۇ كۈچەيدى.

 


خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئىقتىسادى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى كۆپەيدى .

 


جۇ مىن: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى، 2010-يىلى 24-فېۋرال جۇمىن قوشۇمچە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى لىدىرىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى بولغان.


2011-يىلى 13-ئىيۇل، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى لاگارد جۇمىننى بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن لىدىرلىقىغا كۆرسەتتى، ئۇ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىغا كىرگەن تۇنجى جۇڭگولۇق بولۇپ قالدى. 2014-يىلى ئۇ يىللىق جۇڭگولۇق ئىقتىسادىي رەھبەر تىزىملىكىگە كىردى.


يى شياۋجۈن: دۇنيا سودا تەشىلاتىنىڭ مۇئاۋىن ئىش بىجىرگۈچىسى، ئۇ ئىلگىرى جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشىكلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش باشقارمىسىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان. 2013-يىلى 8-ئايدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىش بىجىرگۈچىسى بولۇپ، دۇنيا سودا تەشىلاتىنىڭ تۇنجى جۇڭگولۇق مۇئاۋىن باش ئىش بىجىرگۈچىسىگە ئايلاندى.

 

خاۋ پىڭ: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ رەئىسى، 2013-يىلى 11-ئايدا، مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى، جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشىلاتى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە ئەزاسى خاۋ پىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 37-نۆۋەتلىك يىغىنىدا تەشكىلات كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى، ۋەزىپە مۇددىتى 2 يىل بولدى. بۇ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگونىڭ ۋەكىلىنى كېڭەش رەئىسلىكىگە سايلىشى.


چىن فىڭ فۇجىن: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بىجىرگۈچىسى، ئۇ 1947-يىلى شياڭگاڭدا تۇغۇلغان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شۇندې شەھىرىدىن. ئۇ 2005-يىلى 6-ئايدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلات يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى نازارەت قىلىش، كونترول قىلىش ۋە ئىنكاس قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قوشۇمچە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش ئىش بىجىرگۈچىسىنىڭ ئىنسانلار تارقىلىشچان زۇكۇمى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى بولغان. ھازىر ئۇ دۇنيا سەھىيە تەشىلاتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل باش ئىش بىجىرگۈچىسى.


ئازۋىدو: دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بىجىرگۈچىسى، ئۇ بىرازىلىيە باخىيە ئىشتاتى سالۋادور شەھىرىدىن، بىرازىلىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئىنگلىزچە، فىرانسوزچە ۋە ئىسپانچەغە پۇختا. ئۇ 2013-يىلى 1-سېنتەبىر رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.


ئازۋىدو دۇنيا سودا تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان لاتىن ئامېرىكىسى ۋە بەش ئالتۇن كېسەل دۆلىتىدىن كەلگەن تۇنجى باش ئىش بىجىرگۈچى. ئۇ دۇنيا سودا سۆھبىتىنى قايتا باشلاشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئازۋىدو ئەڭ ئاخىرىقى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشتا ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا قوللايدىغان مېكسىكىلىق نامزاتنى يېڭىپ غەلبە قىلغان.


داسىلۋا: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بىجىرگۈچىسى، ئۇ ئىلگىرى بىرازىلىيە ئاچارچىلىقنى تۈگىتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشىكىلاتىنىڭ ياردەمچى باش ئىش بىجىرگۈچىسى، ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىپ دېڭىزى رايونىدىكى ۋەكىلى بولغان. 2011-يىلى 6-ئايدا ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشىلاتى ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ 37-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئىككى قېتىم ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، بىرازىلىيەلىك داسىلۋا ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باش ئىش بىجىرگۈچىسى بولغان، 2012-يىلى 1-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.


كاسكو باسۇ: دۇنيا بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۇ ھىندىستانلىق ئىقتىسادشۇناس بولۇپ ئىلگىرى ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پىروفىسسورى، ھىندىستان مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى بولغان. 2012-يىلى 9-ئايدا دۇنيا بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى قوشۇمچە يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.


دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى كىميون «كاسكو باسۇ دۇنيا بانكىسىنىڭ ئەزالىرىغا ھەل قىلىش لاھىيەسى تۈزۈپ بېرىشكە، تەتقىقات خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىرىنچى قول تەجرىبىسىمۇ قىممەتلىك بايلىق ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بىجىرگۈچىسى، خەلقئارا پۇل فودنى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن لىدى بولۇشقىچە نۇرغۇنلىغان جۇڭگولۇقلار دۇنيا سەھنىسىدە ئۆزىنى نامايەن قىلىۋاتىدۇ، جۇڭگونىڭ تەسىر كۈچىگە ئوخشاش ئۇلارنىڭ تەسىرىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
02-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek