سۈرەتتە بىر ئۆسمۈرنىڭ تويى (ماتېرىيال رەسىمى)
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
مېكسىكا «ئازتېك خەۋەرلىرى» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئورگان تورى 4- ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر توي مۇراسىمىدا بىر نىگېرىيىلىك 14 ياشلىق كېلىن قىز چاشقان دورىسىنى ئېرىگە تەييارلانغان تائامغا سېلىۋەتكەن، ئاخىرىدا بۇ توي مۇراسىمى ماتەم مۇراسىمىغا ئايلانغان.
بۇ قىزنىڭ ساقچى تەرەپكە ئىقرار قىلىشىچە، ئۇ مەجبۇرىي ئۆزىدىن 21 ياش چوڭ ئەرگە تىگىشكە زورلانغان بولۇپ، ئۇ بولغۇسى ئېرىنى قىلچە ياخشى كۆرمەيدىكەن. يەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ دېيىشىچە، بۇ 14 ياشلىق قىز بەلكىم قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشى مۇمكىن.
ئۆسمۈرلەرنىڭ توي قىلىش ئەھۋالى نىگېرىيىدە كەڭ ئۇمۇملاشقان بولۇپ، بولۇپمۇ مەزكۇر دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان جايلاردا كۆپرەك ئىكەن.
مەنبەسى خەلقئارا تېز لىنىيىسى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نۇمۇرى ــــــــ LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved