شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 27-دېكابىر تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى قايتىدىن تەكىتلىگەن. ئەردوغان شۇ كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرۈپ: ئىراقنىڭ شىمالى قىسمىغا ئەۋەتكەن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ۋەزىپىسى ئىراقتىكى رادىكال تەشكىلاتقا قارشى كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئەۋەتكەن تۈركىيە ھەربىي مەشقاۋۇللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈندۈر، شۇڭلاشقا تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقتا داۋاملىق تۇرىدۇ، دېدى. ئۇ يەنە تەكىتلەپ: كۆپەيتكەن ئەسكەرلەر ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىم ئەمەس، ئۇلار ئىراقنىڭ شىمالى قىسمىدىكى قوراللىق خادىملارنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئادا قىلىدۇ، دېدى.
مۇشۇ ئاينىڭ دەسلىپىدە، تۈركىيە رادىكال تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» IS قوراللىق كۈچلىرى كونتروللۇقىدىكى ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى موسۇلنىڭ ئەتراپىغا بىر باتالىيون بىرونىۋىكلار قىسمى كۆپەيتكەن. ئىراق ھۆكۈمىتى بولسا «تۈركىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىراق تەرەپنىڭ تەستىقىنى ئالمىغان بولۇپ، بۇ ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن، ھەمدە تۈركىيەنىڭ شەرتسىز ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. تۈركىيە بولسا ئىراققا ئەۋەتكەن قىسمىنىڭ چېكىنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىراق زۇڭلىسى ئاباد 11-دېكابىر تۈركىيەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەرز قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەرەب بىرلەشمە ئىتتىپاقى 24-دېكابىر دىپلوماتلار يىغىنى ئېچىپ، تۈركىيەنىڭ شەرتسىز ھالدا ئىراقتىن دەرھال چېكىنىشىنى ئېيتقان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved