شۈبھىسىزكى 2015-يىلى سالمان خانغا ۋە ئۇنىڭ كىچىك ئارتىسى ھارشالى مالوتراغا تەۋە. بۇلتۇر سالمان خان بىلەن ھارشالى مالوترا باش رول ئالغان فىلىم «بۇرادەر باجرانگى» غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، بۇ كىنو سەۋەبىدىن ھارشالى مالوترامۇ خېلى كۆپ مۇكاپاتلارغا ئېرىششكە مۇيەسسەر بولدى.
2015-يىللىق The Big Star Entertainment Awards مۇكاپاتى تېخى يېقىندا تېلېۋىزىيەدە قويۇلدى. مۇراسىم قويۇلغاندا تېلېۋىزور ئېكرانى ئالدىدىكى كۆرۈرمەنلەر بىر ئىنتايىن ئىللىق كۆرۈنۈشنى كۆردى.
بۇ قېتىملىق مۇكاپات مۇراسىمىدا ھارشالى ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان «ئەڭ ياخشى بالا ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ مۇكاپات سەھنىسىگە چىققاندا سالمان خان بۇنداق قىممەتلىك دەقىقىدىن ناھايىتى تەسىرلەندى ۋە ئامال بار كۆز يېشىنى كونترول قىلىشقا تىرىشتى.
ھارشالى سۆز قىلغاندا فىلىم رېژىسسورى كەبىر تاغىسى ۋە سالمان تاغىسى ھەمدە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى قوللىغانلىقىغا تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.
ھارشالى مالوترا 2008-يىلى بومبايدا تۇغۇلغان، 2015-يىلى ئۇ تۇنجى فىلىمىدىلا سالمان خان بىلەن ھەمكارلاشقان بولۇپ، «بۇرادەر باجرانگى»دا ھارشالى ياراتقان ئوبراز شەھىدە كىنونى كۆرگەنلىكىنى كىشىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، بۇ كىچىك ئارتىسمۇ شۇ سەۋەبلىك 2015-يىلىدىكى ئەڭ ياخشى يېڭى ئارتىسقا ئايلاندى.
ھارشالى بۇ فىلىمگە نەچچە يۈز بالا ئارتىس ئارىسىدىن تاللانغان، ئۇ ئىلگىرى خېلى كۆپ ماركىلار ئۈچۈن ئېلان ئىشلىگەن ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالغان. ئېيتىلىشىچە ھارشالى ئەڭ ئاخىرقى نامزاتلار ئارىسىغا كىرىپ سالمان خان بىلەن كۆرۈشكەندە، قىلچە تەمتىرىمەي سالمان خاندىن «سىز مېنى ئۆزىڭىزدەك چولپان قىلالامسىز؟» دەپ سوراپ سالمان خاندا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.
ھازىر ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە كىنو ھېرىسمەنلىرى ھارشالى مالوترانى «بىزنىڭ كەلگۈسى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانىمىز» دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، بىر داڭلىق رېژىسسور ھارشالىنى ھىندسىتان كىنو ساھەسى ئۈچۈن «بۇ ئەسىردىكى ئەڭ زور بايقاش» دەپ ماختىغان. نۇرغۇن كىشىلەر ھارشالىنىڭ چىرايىنى كاترىنا كەيىفقا ۋە ئالىيە باتقا ئوخشىتىدۇ ۋە كاترىنا كەيىفقا ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن سالمان خان ئۇنى كىنوغا تاللىغان دەپ قارايدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved