تېڭشۈن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئامېرىكا "ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى" نىڭ 25-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، روسىيە مەملىكەتلىك جامائەت پىكىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابراموف (Abramoff) ئالدىنقى كۈنى (24-چىسلا) مۇنداق دەپ جاكارلىدى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يەنە بىر قېتىم روسىيە يىللىق سىياسى شەخس بولۇپ باھالاندى، بۇ ئۇنىڭ ئۇدا 11 قېتىم يىللىق شەخس بولۇپ باھالىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
روسىيە مەملىكەتلىك جامائەت پىكىرى تەتقىقات مەركىزى ئالدىنقى كۈنى پۈتۈن روسىيىنىڭ 46 ئۆلكىسىدىكى 1600 نەپەر پۇقراغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان %44 روسىيە پۇقراسى پۇتىننىڭ روسىيە يىللىق سىياسى شەخىس بولۇپ باھالىنىشىنى قوللىغان.
ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى بولسا روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف، ئۇنىڭ قوللاش نىسبىتى %8، روسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ بولسا ئۈچىنچى ئورۇندا بولۇپ قوللاش نىسبىتى %5 بولغان.
روسىيە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورگىنى لېۋادا مەركىزى (The Levada Center) بۇ ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا بىر قېتىملىق خەلق رايىنى سىناش تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە، %85 روسىيە پۇقراسى پۇتىننىڭ يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى، %63 روسىيىلىك بولسا زۇڭلى مېدۋېدېۋنىڭ خىزمىتىدىن رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved