شىنخۇا تورىنىڭ 5-ئاينىڭ31-كۈنى موسكىۋادىن بەرگەن تېلگىراممىسى لەگلەك تورى تەرجىمسى ، روسىيە فېدراتسىيەسى چىچىنيە جۇمھۇرىيتىنىڭ رەھبىرى قادىروف 31-چېسلا تارقىتىلغان تېلېۋىزىيە زىيارىتى پىروگىراممىسىدا بىلدۈرىشىچە، نۆۋەتتە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا چىچىنىيە ئارمىيسى يوق ئىكەن.
ئۇكرائىنا ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ خەۋەر قىلىپ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا چېچىنىيە ئارمىيسى بار دىيشىگە قارىتا قادىروف بىلدۈرۈپ مۇنداق دىگەن:‹‹ بۇ پۈتۈنلەي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ››. بىراق ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېتراپ قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى خەلىق ئەسكەرلىرى ئارىسدا ھەقىقەتەنمۇ چېچىنىيەلىك ئادەملەرنىڭ بارلىقنى ھەمدە ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي شەخسى ئارزۇسىغا ئاساسەن شۇ جايدا تۇرۋاتقانلىقنى ئېيتىپ ئۆتكەن.
قادىروف تەكىتلەپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا چېچىنيەلىك ئادەملەرنىڭ بايقالغانلىقىغا ئاساسەن ئۇ يەردە چېچىنىيە ئارمىيسى بار دەپ ھۆكۈم قىلىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دىگەن.
ئۇكرائىنا ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ بۇندىن بۇرۇن خەۋەر قىلشىچە، چېچىنيە ئەسكەرلىرى ‹‹ دونېتىسىك خەلىق جۇمھۇرىيتى››دە ئۇكرائىنا ئارمىيسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان.
بۇيىل 4-ئاينىڭ6-كۈنىدىن بۇيان، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ ۋەزىيتى بارغانسىرى ناچارلىشىپ، بەزى بىر قىىسىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلغۇچىلار تەرپىدىن ئىگەللىۋېلىنغان. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بۇ ئېتراز بىلدۈرگۈچلەرنى تېرورچى دەپ ئەيىبلەپ بىر قاتار ‹‹تېرورلۇققا قارشى ھەركەت›› قانات يايدۇردىغانلىقنى جاكارلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved