ئەنگلىيە نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىسى«دۇنيا پۇتبول ژۇرنىلى » 2013-يىللىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسىنى باھالاپ چىقتى. مەزكۇر ژۇرنالنىڭ دېيىشىچە كىلىستىيانو رونالدو 2013 -پۇتبول ساھەسىدە 1- شەخىس بولۇپ تاللىنىدۇ دەپ پەرەز قىلغان . ئۇزاق ئۆتمەيلا 2013-يىللىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى كىلىستىيانو رونالدو بولۇپ تاللاندى.
مەزكۇر ژۇرنالنىڭ دېيىشىچە كىلىستىيانو رونالدو ئالدىنقى 4 پەسىللىك مۇسابىقە ئويناش جەريانىدا ئايرىم -ئايرىم ھالدا 26،40،46،34 توپ كىرگۈزگەن . بۇ پەسىللىك مۇسابىقىلەردە تېخى ئالدىنقى نەتىجىلىرىدىن ئېشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن . كىلىستىيانو رونالدو خانجەمەتى مادرىد پۇتبول كۇلۇبى تارىخىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە 5-ئورۇنغا ئۆتتى ۋە پۇسكاستىن ئېشىپ چۈشتى . تېخى بۇ قېتىمقى پەسىللىك مۇسابىقە ئاخىرىدا ۋۇگا-سانچىس تىن ئېشىپ چۇشۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.
2013 -يىللىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى كىلىستىيانو رونالدو بولۇپ تاللىنىش سەۋەبىگە كەلسەك دۇنيا پۇتبول ژۇرنىلىنىڭ دېيىشىچە ئالدىنقى پەسىللىك مۇسابىقىلەردە كىلىستىيانو رونالدو ھېچقانداق مۇكاپات ۋە لوڭقىلارغا ئېرىشمىگەن يەنە كېلىپ خانجەمەتى مادرىد پۇتبول كۇلۇبى ياۋورپا چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى . ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە بارسېلونا كوماندىسىدىن 15 نومۇر ئارقىدا قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. ئىسپانىيە پادىشاھ لوڭقىسىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچىلىك مۇسابىقىسىدە ئۇتتۇرىۋەتتى . لېكىن كىلىستىيانو رونالدو پورتۇگالىيە بىلەن شىۋىتسىيە ئوينىغان دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى 32 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرىش مۇسابىقىسىدە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئبرايىموۋىچ باشچىلىقىدىكى شىۋىتسىيە دۆلەت كوماندىسىنى يېڭىپ ئۆزىنى ئىسپاتلىدى.
ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى باشلىنىپ 14 ھەپتىدىن كېيىن كىلىستىيانو رونالدونىڭ توپ ئۇرۇش سانى 1-بولدى . 4 يىل جەريانىدا كىلىستىيانو رونالدو تۇنجى قېتىم بۇشەرەپنى بارسېلونا كوماندىسىدىكى مىسسىدىن تارتىۋالدى .
بارسېلونا پۇتبول كۇلۇبى ئەزاسى پىكى كىلىستىيانو رونالدوغا مۇنداق باھا بەرگەن: كىلىستىيانو رونالدو مەن ياقتۇرىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر نىڭ بىرى ، چۈنكى كىلىستىيانو رونالدو بەكلا تىرىشچان ، پۈتۈن نەتىجىلەرنى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن ، ئۇنىڭ تالانتى بار ۋە مەن ئىشىنىمەنكى كىلىستىيانو رونالدو ھەرگىز ئىلگىرىلەشتىن توختاپ قالمايدۇ.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved