جۇڭگو ئاخبارات تورى 3-فېۋرال خەۋىرى : ئامېرىكا ‹‹ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 3-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ‹‹رۇسىيە گېزىتى›› 2-فېۋرال ‹‹ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو 18 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنىڭ چېگرىدىن چىقىشىنى چەكلىدى›› دېگەن تېمىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلغان.
ئۇكرائىنا قوراللىقلىرى 4-قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمنى باشلاپ 10 كۈندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ پوروشىنكو ‹‹2015-يىلىدىكى سەپەرۋەرلىك قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تولۇقلىما تەدبىرلىرى›› توغرىسىدىكى پەرماننى ئوتتۇرىغا قويغان، پەرماندا باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئەسكەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئالاھىدە مەزگىلدە چېگرىدىن چىقىشىنى چەكلەش تۈزۈمى بەلگىلەنگەن.
ئۇكرائىنا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئەمەلىيەتتە مۇددەتسىز پەرمان ھېسابلىنىدىكەن، يەنى مەزكۇر پەرمان ‹‹ئالاھىدە مەزگىل›› نىڭ زادى قانداق مەزگىل ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرمىگەن.
زۇڭتۇڭ پوروشىنكو پەرمان ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سىتېپان بورتولاكې (StepanBoerTuoLake) دەرھال ئىنكاس بىلدۈرۈپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ‹‹باش قوماندانلىق ئىشتابى شۇنى تەشەببۇس قىلىدۇكى، بارلىق ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش مەسئۇلىيىتى بار ئەرلەر ئەسكەرلىككە قاتنىشىش ئىجازەتنامىسىنى ئالغاندىن كېيىن چەت ئەللەرگە چىقالايدۇ. ھازىر ۋەتەننى قوغدايدىغان ۋاقىت، ھازىر ‹‹تېررورلۇق قىلمىشى يۈز بېرىۋاتقان رايون ›› دىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ سانى چەكلىك، شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ئاممىسىنىڭ ئەسكەرلىككە قاتنىشىشىغا ئېھتىياجلىقمىز›› سىتېپان بورتولاكېنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئەڭ ناچار ئەھۋال ئىكەن.
بىراق ھازىر ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئەسكەرلىك ۋەزىپىسى قانۇنىغا تېخى ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىدى، ئۇكرائىنا ئالىي پارلامېنتىمۇ بۇ مەسىلىگە قارىتا بېلەت تاشلاش ئېلىپ بارمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن زۇڭتۇڭ بۇيرۇقىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي قانۇنىي كۈچى يوق. ئۇكرائىنالىقلار ئەگەر ئىچكى ئۇرۇشقا قاتنىشىشتىن ئۆزىنى تارتماقچى بولسا، بۇ بىر قانچە كۈن بەلكىم ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved