10- دېكابىر چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ ئۈرۈمچىنىڭ تۇتۇق ئاسمىنىدا قار ئۇچقۇنلىرى لەپىلدەشكە باشلىدى. شىمالنىڭ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ۋە غەرىبى جەنۇبنىڭ ئىللىق نەم ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل قىشتىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا كىردى.
ئىگىلىنىشىچە، بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەسىرىدە، 10- دېكابىر چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ 12-دېكابىرغىچە، ئۈرۈمچىدە قار يېغىپ، تېمپىراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن. 13- دېكابىردىن 14- دېكابىرغىچە شەھەر رايونىنىڭ تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن سېلسىيە14گىرادۇسقا چۈشىدىكەن.
پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدىدىن قارىغاندا، 9-دېكابىردىن 10-دېكابىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ جايلاردا قېلىن قار كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، قاتناش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ۋە بوران كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى قاتارلىق 33قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان.
ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، 10-دېكابىر كېچىدىن 13-دېكابىرغىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قۇمۇلنىڭ شىمالى ۋە تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتېغى بويلىرى، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن، قىسمەن رايونلىرىدا قارا قار ياغىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا5 ~8سېلسىيە گىرادۇسقىچە چۈشىدىكەن، ئىلى دەريا ۋادىسى، تارباغاتاي، ئالتاي، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقى، قومۇلنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا 8 ~10سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىىكەن، قىسمەن رايونلاردا سېلسىيە12گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن.(
![]() |
ئامېرىكا گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىغا 58 ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان جايدا 5.2 بال يەر تەۋرىگەن.
|
![]() |
بېرما تاراتقۇلىرىنىڭ 5-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېرمىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ماندالاي ئۆلكىسىدە يېقىنقى كۈنلەردە قاتتىق بوران چىقىپ، 18 ئادەم قازا قىلىپ، 24 ئادەم يارىلانغان.
ماندال...
|
![]() |
5-ئاينىڭ 4-كۈنى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ چۇڭچىڭ بۆلىكىدە سۇ ئورنى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، دەريا قىنى كەڭ كۆلەمدە يالىڭاچلىنىپ قالدى.
|
![]() |
ئالدىنقى كۈنى، فوتوگراف Steven Stockhall بوتسىۋانادىكى جوب دۆلەتلىك باغچىسىدا شىرنىڭ پاختەك تۇتقاندىكى كۆرۈنۈشىنى رەسىمگە تارتقان.
ئەينى ۋاقىتتا بۇ پاختەكلەر سۇ بويىدا سۇ ئىچىۋاتقان بولۇ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved