شىنجاڭ ئۆزتۈرك مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان سەھىپە
1 : ساداقەتمەنلىك
بىر ساداقەتمەن كىشى باشلىق كەتكۈزۋىتىشنى خالمايدىغان، بۇ ئورۇننىڭ ئەڭ ئۇزۇن جەڭچىسى بولىدىغان، باشلىقنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەسلىنى ئويلايدىغان، يۇقىرىدىكلەر بىلەن ئۆز كۆز-قارشىنى ئورتاقلىشالايدىغان، ھەر ۋاقىت شىركەت مەنپەتىنى ئويلايدىغان خىزمەتچىدۇر.
2: كەسىپچانلىق
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلشىغا ئەگشىپ، كىشلەرنىڭ بىلىم ئارقا كۆرنىشى بارغانسىرى ئوخشاشلىققا قاراپ يۈزلىنىۋاتدۇ. ئوقۇش تارىخى، دىپلوم دېگەنلەر ئەمدى شىركەتلەرنىڭ ئادەم تاللاشتىكى ئالدىنقى شەرتى بولماي قالدى. نۇرغۇن شىركەتلەر خادىم قوبۇل قىلىشتىكى بىرىنچى شەرتى بولسا كەسىپچانلىقى، ئىككىنچىدىن كەسىپى سەۋىيە.
3: ئاكتىپچانلىق
ھەممە ئىشتا باشقىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىنى كۈتۈپ تۇرماي، ئۆزلىكدىن ئىشلارنى ياخشى بىرتەرەپ قىلالايدىغانخىزمەتچى، باشلىق مەڭگۈ قارشى ئالدىغان خىزمەتچىدۇر.
4 : مەسئۇلىيەتچان
دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغان خىزمەتچى شىركەتكە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيتى بار. ھەممە ئىشتا بىر ئاماللارنى قىلىپ قۇتۇلۇپ، سەۋەپ تېپىشقا باش قاتۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلانمايدىغان كىشى ئاسانلا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.
5 : ئۈنۈمدارلىق
يۇقىرى ئۈنۈمدارلىق خىزمەت ئادىتى ھەربىر نەتىجە قازنىشنى ئارزۇ قىلدىغان كىشىگە ۋە ئورۇنلارغا ناھايىتى مۇھىم ھەم زۆرۇردۇر.
6 : نەتىجە
«قار مۆشۈك، ئاق مۆشۈك، چاشقان تۇتقان ياخشى مۆشۈك». مەيلى جاپا تارتىپ قىلسۇن، مەيلى تېخنىكىغا تاينىپ قىلسۇن نەتىجە چىقىرالىغان خىزمەتچى باشلىق ۋە خىزمەتداشلىرى قارشى ئالدىغان خىزمەتچى.
7 : ئالاقە
ئالاقىنى ياخشى قىلالمىغانلار ئۆزى ھەر قانچە ئىقتىدارلىق بولۇپ كەتسۇن ئالغا باسالمايدۇ. ياخشى ئالاقىچى گەرچە ئادەتتىكى خىزمەتچى بولسىمۇ، يەنىلا بىرتەرەپتىن ئۈگۈنۈپ بىرتەرەپتىن ئىشلەپ ئۆزنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرالايدۇ.
8 : كوللېكتىپچانلىق
كوللېكتىپنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويۇش. گەرچە شەخسىي ئىقتىدار قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەگەر كوللېكتىپقا خېيىم-خەتەر ئېلىپ كەلسە، شىركەت ھەرگىزمۇ ئۆزدە ئېلىپ قالمايدۇ.
9 : ئالغا ئىنتىلىشچانلىق
خىزمەتچى مەڭگۇ شىركەتنىڭ قەدىمىگە يېتىشىپ مېڭىشى، شىركەت مەڭگۇ بازارنىڭ قەدىمىگە يېتىشىپ مېڭىشى كىرەك. مەيلى خىزمەت ئىزدەش مەيدانى بولسۇن، مەيلى كارخانچىلار بازىرى بولسۇن ھىچكىم مەغلۇپ بولۇشنى خالىمايدۇ، توختاپ قىلىش ۋاز كېچىشتىن دىرەك بېرىدۇ.
10: كەمتەرلىك
ئىش قىلغاندا مەنمەنچىلىك قىلماڭ. سۆزلىمسەم، جاكارلىمسام باشقىلار مېنىڭ خىزمىتىمنى بىلمەيدۇ دەپ خىزمەتداشلىرڭىز ئالدىدا ماختانماڭ، سىز قىلغاننى بەلكىم باشقىلارمۇ قىلغاندۇ.
11: تەننەرىخ
تىجەشلىك بولۇش ھەرگىزمۇ پىخسىقلىق ئەمەس. شىركەتنىڭ پۇلىنى پۇل ئورنىدا كۆرمەيدىغان ئىشنى قىلماڭ، شىركەتنىڭ ساندۇقىدا بولسا سىزنىڭ يانچۇقىڭىزدىمۇ بولىدۇ. شىركەتتە كۆپ بولسا تەبىئىي ھالدا سىزدىمۇ كۆپ بولىدۇ.
12: مىننەتدارلىق
نېمە ئۈچۈن بىز ئۆزۈمىزنىڭ سەۋەنلىكىگە شۇنداق يول قويىمىز، ئەمما شىركەتكە كەلگەندە ئاغرىنىپ كېتمىز؟ ھەرقانچە تالانتلىق كىشمۇ باشقىلارنىڭ ئىش قىلىش پۇرسىتى بېرشىگە مۇھتاج. سىزنىڭ ھازىرقى نەتىجىلىرڭىز ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئۆزڭىزنىڭلا تىرىشچانلىقڭىز ئەمەس.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13899884284 , 8559056-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved