مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ئەقىل كۆرسىتىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 20- مارت چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك ئىشلىرى تەرەققىياتى توغرىسىدا چارە - تەدبىر كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.
  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇھەممەد ياسىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا سۆز قىلدى. مېڭ چىڭسەي، ياڭ شياۋلى، رەنا قاسىم، دولقۇن توختى، لىن شۆ، ئىسراپىل ئەبەي، يى چياڭ قاتارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، دوختۇرخانا، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىندا ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇرېھىم يۈسۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يۈ دېشېڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ - پىكىرلەرگە ئىنكاس قايتۇردى ۋە جاۋاب بەردى.
  كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك ئىشلىرى تەرەققىياتىنى يۆلەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش مىللىي تېبابەتنىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنىڭ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ۋە كەسىپ كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك ئىشلىرى تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېھتىياجىغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا خېلى زور پەرق بار، مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇكەممەل بولماسلىق، ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش، زامانىۋى كەسىپ ئاساسى كۈچلۈك بولماسلىق، ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىق قىلىپ ياساش ئارقىدا قېلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئاجىز، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش يېتەرسىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت.
  نۇرلان ئابىلمەجىن كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىكتىكى خاس ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت ئاساس قىلىنغان دوختۇرخانا باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى، ئۇيغۇر تېبابىتى، قازاق تېبابىتى قاتارلىقلارنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. خاسلىققا ئىگە دوختۇرخانا ۋە خاسلىققا ئىگە مەخسۇس بۆلۈملەرنى قۇرۇش كېرەك، بۇ مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىلىرى ۋە دورىگەرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى؛ داڭلىق دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش، داڭلىق بۆلۈملەرنى تەسىس قىلىش، داڭلىق دوختۇرخانىلارنى قۇرۇش كېرەك، بۇ مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى؛ داۋالاش، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، بۇ مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يولى.
  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك ساھەسىدە روشەن خاسلىققا ئىگە كۇرسلۇق مەھسۇلاتلارنى كۈچەپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك داڭقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىكتىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى قېزىش، رەتلەش، قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك پەن - بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى - سىرتىدىكى مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىلىرى ۋە دورىگەرلىك ساھەسىدىكىلەرنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىكىنىڭ سىرتقا يۈزلىنىپ، رايونلۇق داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.



خەتكۈچلەر:
23-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
29-01-2016
ئىسمى:panadol تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى مىقدارى:20ml ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
29-01-2016
         تەييار چۆپنىڭ قانچە خىل يېيىش ئۇسۇلى بار؟  بىرخىل، ئىككى خىل، جىق بولغاندا ئۇچ خىل بولا. ياق، ياق، تايلاندلىقلار تەييار چۆپ يېيىشنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئىشەنمەمسىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈڭ...
27-01-2016
ئىسمى:MACA تىپى:بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى مىقدارى:100تال ساقلاش مۇددىتى:36ئاي ئىشلەنگەن دۆلەت : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ماس كېلىش ئوبيېكتى : مەزكۇر مەھسۇلات ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ھالەتتى...
Powered by Leglek