دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن دىلما روسسېفقا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم بىرازىلىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا، روسسېفنىڭ رەھبەرلىكىدە، بىرازىلىيە خەلقىنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئىشلىرىدا ئۆزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل 7-ئايدا، سىزنىڭ تەكلىپىڭىزگە بىنائەن، مەن ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتىم ھەم بىرازىلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، بۇ مەزگىلدە بىز يەنە جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا بىرلىكتە قاتناشتۇق. بىز چوڭقۇر ھەم مول نەتىجىلىك سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ پىكىر ئالماشتۇردۇق.
بىز جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان دوستانە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى بىرلىكتە قارار قىلدۇق. مەن جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تېرىشىپ، جۇڭگو-بىرازىلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved