شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندىن ئىلگىرى ئوباما قاتارلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بىر قانچە چوڭ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كەلگەن ئۇكىرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكو بىلەن مەخسۇس كۆرۈشتى. بۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەسكىلاتىنىڭ ئۇكىرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىپادىسى دەپ قارالدى.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتتىن 3-سېنتەبىر ئۇكىرائىنانىڭ شەرقىدە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى يەتتە نۇقتىلىق لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، پۇتتىن مېنىڭ پوزىتسىيەم پروشىنكونىڭكى بىلەن ئىنتايىن يېقىنلىشىدۇ، دېدى. كېيىۋ تەرەپنىڭ ھەربىي ئىقتىدارى كەك كۆلەملىك ئۇرۇش قىلىشنى داۋاملىق قوللىيالمايدىغانلىقتىن ئۇرۇش توختىتىش مۈمكىنچىلىكى مەۋجۈت ئىدى.
ھالبۇكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىۋاستە چاقىرىش ۋە نامايەن قىلىش پوزىتسىيىسى ھەمدە رۇسىيە ئۇكىرائىنانىڭ شەرقى ۋەزىيىتىدە ئالدىدا تۇرغانلىقتىن، بۇ توقۇنۇشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئېغىرلىق دەرىجىسى ئاشتى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيەنىڭ دۈشمەنلىشىشى بوشلۇق تاشلاپ ياراشتۇرۇلۇپ، خۇددى سۈرەتكە جان كىرگۈزگەندەك بولدى.
ئۇكىرائىنا كىرىزىسى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان خۇددى غەرب تەھلىلچىلىرى ئېيتقاندەك «ئەڭ ناچار مۆلچەرگە» قاراپ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. نۆۋەتتە ئۇكىرائىنانىڭ شەرقىنىڭ كىيىۋ ھاكىمىيىتىدىن مۇستەقىل بولۇپ چىقىشى مۇستەھكەملەنگەندەك قىلاتتى، ئۇكىرائىنانىڭ پارچىلىنىش ۋەزىيىتى تەدرىجىي شەكىللەندى. قايتا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، كىيىۋ، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا پۇتتىننىڭ ئىرادىسىگە سەل قارىغاندەك قىلاتتى.
تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ قارايدىغان بولساق، غەرب شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە كېڭىيىشىنىڭ رۇسىيەگە ئېلىپ كەلگەن زەربىسىگە سەل قارىدى. پۇتتىن رۇسىيەنى باشلاپ ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە پىسەنت قىلماستىن غەرپ بىلەن قارشىلاشتى، ئەمما غەرپنىڭ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇكىرائىنانىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوللىشى موسكىۋا تەرىپىدىن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيىلىك بوشلۇقىنى باستۇرغانلىق، بۇ كەچۈرۈشكە بولمايدىغان ھەرىكەت دەپ قارالدى. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن بۇيان، 20 نەچچە يىل داۋاملاشقان غەربنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىش دەۋرىنىڭ ئاخىرىكى بىر قەدىمى ئىدى.
ئۇكىرائىنانىڭ شەرقىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشى ياۋروپا مالىمانچىلىقىدىكى بىر ۋاقىتلىق قەدەم، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيە تەسىر كۈچىگە ئىگە چېگرا توغرىسىدا ئېنىق مۇرەسسەلىششتىن ئىلگىرى، ئۇكىرائىنانىڭ ئۇزاق مۈددەت تىنچ بولۇشىنىڭ كاپالىتى يېتەرسىز بولىدۇ. ئۇكىرائىنانىڭ دۆلەت ئىقتىدارى، ئۇنىڭ شەرققە بولغان تەلىپى ھەمدە غەرب بىلەن رۇسىيەنىڭ پوزىتسىيىسى ئىنتايىن قالايمىقان بولۇپ، كىيىۋنىڭ پوزىتسىيىسى ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ، ئەمما ئۇنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پوزىتسىيىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ئەڭ ئاجىز ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى سىياسىئونلار پۇتتىن بىلەن مۇرەسسەلەشمەسلىك قاتتىق پوزىتسىيىسىنى ئۆزلۈكسىز بىلدۈردى، ئەمما تارقاق مەيدانلاردا، تاراتقۇلاردا كىشىلەر ياۋروپالىقلارنىڭ توقۇنۇشنى بالدۇرراق ئاياغلاشتۇرۇش سادالىرىنى ئاسانلا بايقىدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى موسكىۋاغا ئۆزلۈكسىز بېسىم ئىشلەتتى، ئەمما بۇلار غەرب بىلەن پۇتتىننىڭ ئىرادىسىدىكى قارشىلىققا بەرداشلىق بېرەلمىدى، ھازىر غەربنىڭ جازالىشى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتىدىن پۇتتىننىڭ قورقۇپ قېلىشىغا ھىچكىممۇ ئىشەنمەيدۇ.
بۇ مالىمانچىلىق مۇنداق مۇھىم بىر مەسىلىدىن سېگنال بېرىدۇ: ياۋروپانىڭ يېڭى جۇغراپىيىلىك سىياسىي پىرىنسىپى رۇسىيەنى قانداق بىر ئورۇنغا قويىدۇ؟ قانداق دەرىجىدە ئۇنى باستۇرىدۇ، ياكى قانداق ئۆلچەمدە ئۇنى ھۆرمەتلىشى كېرەك؟ ئۆتكەن 20 يىلدا رۇسىيە بۇ يادرولۇق مەسلىدە سۆز قىلىش ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى، ھازىر پۇتتىن بۇ ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ كەلمەكتە.
ھازىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيە داۋاملىق تىكىشىۋاتىدۇ. ئەمما ئىككىلا تەرەپنىڭ بۇنى كەسكىنلەشتۈرۈش ئىرادىسى ئانچە زور ئەمەس. ئۇكىرائىنانىڭ شەرقىدىكى ھەربى ھەرىكەتنىڭ دائىرىسى بارلىق رۇسچە سۆزلەيدىغان رايونلارغىچە كېڭەيدى. خەلق ئەسكەرلىرى قۇراللىق كۈچلىرى بۇ رايوننى كونترول قىلىشنى مۇستەھكەملەشكە ئۆتىشى مۈمكىن، ئىستراتېگىيىلىك ھۇجۇم قىلىشتىن ئىستراتېگىيىلىك ساقلاپ تۇرۇشقا ئۆتىشى مۈمكىن.
نۆۋەتتىكى ئۇرۇش سېپى ئۇكىرائىنانىڭ تىنچىلىقىنى بەرپا قىلىشنىڭ چىقىش نۇقتىسى بولالامدۇ؟ بۇ كېيىنكى قەدەمدىكى ۋەزىيەتتە بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. رېئالىزىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلەمدۇ يوق؟ بۇنىڭغا ۋاقىت جاۋاپ بېرىدۇ.
تىنچىلىق ھەممىدىن مۇھىم، ئۇكىرائىنا 1-پاي ئوقنى ئېتىشتىن ئىلگىرى، بۇ قانۇنىيەت مەۋجۈت ئىدى، ئەمما ئۇنى سەل قارالدى، كىشىلەر دائىم باشقا نەرسە تىنچىلىقنى قوغداشتىنمۇ مۇھىم دەپ قايناپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنىڭ بۇ تۈپ قىممەت قارىشى ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن مۇقىم ئەمەس. ھازىر، بۇ قىممەت قارىشى ئۇكىرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ جاۋابىنى كۈتمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved