شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇنازىرە مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

       2015-يىللىق «ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتۇپ، گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلايلى» شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇنازىرە مۇسابىق 

ھەلقىلغۇچ مۇساپىقىسى شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتىتىدا غەلبىلىك ئاياغلاشتى.

       مۇسابىقە نەق مەيدانىغا ئاپتونۇم رايونلۇق مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قەدەم تەشرىپ قىلدى. ئىككى تەرەپ (شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتىتى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى) ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى قاراشلىرى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتى ۋە ئاخىرقى نەتىجىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى غەلىبىنى قولىغا كەلتۈردى، مۇنازىرە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باھالىغۇچىلار `بۇ قېتىملىق مۇنازىرە مۇسابىقىسىدە بىرىنجى بولغان ئورۇنغا، ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇنازىرە قىلغۇچىغا ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇنازىرە قىلغۇچى كوللكتىپلارغا گۇۋاھنامە ۋە مۇكاپات تارقاتتى.

       ئاپتونۇم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاپتونۇم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونۇم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان 2015-يىللىق «ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتۇپ، گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلايلى» شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇنازىرە مۇسابىقىسى 11-ئاينىڭ بېشىدىن باشلانغان بولۇپ، مۇسابىقە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئىشقا ئورۇنلىشىش توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان. ئاپتونۇم رايوندىكى 16 ئالىي مەكتەپ، 120 نەپەر ماھىر ياشلارنىڭ كەلگۈسى سۆزلەنگەن بۇ مۇنازىرە مۇسابىقىسىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى.

       يېڭىلىق يارىتىش جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىدىكى يېتەكچى ئامىل. ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىسادىي جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەمدە خەلق تۇرمىشىنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ. «ياشلار ئارزۇسىغا ياردەمچى بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولايلى» نى تېما قىلغان 2015 «شىنجاڭ ياشلار ئىگىلىك تىكلەش ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى» پائالىيىتى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ياشلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئىشەنچسىنى چېڭىتىپ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، ھەمدە ھەرقايسى تۈردىكى ئىگىلىك تىكلەش ئىشقا ئورۇنلىشىش ئامىلىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى بولغان ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش كەيپىياتىنى بەرپا قىلىدۇ. 2015 «شىنجاڭ ياشلار ئىگىلىك تىكلەش ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى» نىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان 2015-يىللىق «ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتۇپ، گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلايلى» شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇنازىرە مۇسابىقىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ۋە كەلگۈسىنى بەلگىلەشز توغرىسىدا مول چۈشەنچە ھاسىل قىلدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە، يېڭىلىق يارىتىشقا بولغان چۈشەنچىسىنى ۋە تونۇشىنى يېڭىلىدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئىشقا ئورۇنلىشىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى.



خەتكۈچلەر:
25-11-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: باغداش تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
01-05-2016
    مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى چېن شۈن 4-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇخبىرلارنىڭ «نامرات رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلاشقان ياكى ئويلاشمىغانلىقى» توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب ...
30-04-2016
    4-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋۇخەن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 4-يىللىقتىكى سىتۇدېنت قىز ۋاڭ شەن خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكوم تارقاتقان 2015 - يىللىق «جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش چولپىنى» شەرەپ گۇۋاھنامىسىغا ئ...
30-04-2016
     ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇردى غۇجائەھمەد، پاتىگۈل غۇجىئابلا خەۋىرى، فوتوسى: چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ «تەنھەرىكەت، ساغلاملىق _ مېنىڭ خۇشاللىقىم» تېمىسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك يەسلى بالىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 28-ئاپرېل ...
30-04-2016
    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەلىك 1-قوش تىللىق بالىلار يەسىلىدىكى ئوقۇتقۇچىلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلى»نى كۈتۈۋېلىش ئاساسىي تېما قىلىنغان رەسىملەرنى سىزىپ، كۆرگەزمە تەشكى...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى سىچۈەندىكى بىر ئالىي مەكتەپ ئىجتىمائىي تور ئالاقە تورىدا مەكتەپنىڭ بىر يۈرۈش سۈرىتنى چىقارغان، سۈرەتتە ئايلانما ئىشىك، چوڭ ياي شەكلىدا سېلىنغان ئوقۇتۇش بىناسى، ياۋروپا ئۇسلۇبىدا سېلىنغان كوچا، بوئىن ئايروپىلانى قاتارلىق ...
29-04-2016
    مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلدىن باشلاپ مەجبۇرىي مائارىپتىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «ئەخلاق ۋە تۇرمۇش»، «ئىدىيىۋى ئەخلاق» قاتارلىق دەرسلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ئىسمىنى ...
29-04-2016
     ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى لۇغەتلەرنى تەكشۈرۈش-بېكىتىش مۇتەخەسسىسلىرى سۆھبەت يىغىنى 29-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۆھبەت يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ لۇغەتچىلىك خىزمىتىدىكى تەجرىبىلەرنى ...
29-04-2016
    كىشىلەر دائىم تەبئىي تالانتلىق كىشىلەر بىلەن ساراڭلارنى ئانچە چوڭ پەرقى يوق دەپ قارىشىدۇ. ئەمما يېقىندىن بۇيانقى بىر تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، بۇ ئىككى خىل كىشىلەر توپىنىڭ پەرقى تېخىمۇ كىچىككەن. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك تېلېگ...
28-04-2016
     «كىچىك 211» ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشى جۇڭگو ئوتتۇرا غەربىي رايونلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسى ئىقتىدار قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئوتتۇرا غەربىي رايونلارنىڭ مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن 2012-يىلى تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتې...
28-04-2016
      4-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلى...
Powered by Leglek