ئامېرىكا پۇلات - تۈمۈر شاھى كانىگ كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسى ناھايىتى نامرات ئىدى . بىر كۈنى ، ئۇ مەكتەپتىن قايتىش يولىدا خوجايىنغا ئوخشايدىغان بىر كىشىنىڭ ئىشچىلارغا قۇماندانلىق قىلىپ ئېگىز بىنا سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ .
كانىگ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ :
مەن چوڭ بولغاندىن كېيىن قانداق قىلسام سىزگە ئوخشاش ئادەم بۇلالايمەن ؟ دەپ سوراپتۇ .
ئالدى بىلەن قاتتىق تىرىشىش كېرەك .... ___ دەپتۇ ئۇ كېشى .
مەن بۇنى بۇرۇنلا بىلەتتىم ، ئاندىن قانداق قىلىمەن ؟ ___ دەپ سوراپتۇ ئۇ يەنە ؟
بىر يۈرۈش قىزىل كىيىم سېتىۋېلىپ كىي ، __ دەپتۇ ئۇ كىشى .
كانىگ ئەجەبلەنگەن ھالدا يەنە سوراپتۇ :
بۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش بىلەن نېمە مۇناسىۋېتى بار ؟
ئۇ كىشى ئالدىدىكى ئىشچىلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ :
قارا ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش كۆك كىيىم كىيگەن ، شۇڭا ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ تۇنۇمايمەن ، __ ئاندىن ئۇ يەنە يېنىدىكى بىر ئىشچىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىپتۇ ، __ سەن ئاۋۇ قىزىل كىيىم كىيگەن ئىشچىغا قارا ، ئۇ باشقىلاردىن پەرىقلىق كىيىم كىيگەنلىكى ئۈچۈن ، مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى ، ئۇنى ئېسىمدە تۇتۇۋالدىم ، ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى بايقىدىم ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئەمەل بېرىمەن .
دۇنيا ئادىل ئەمەس دەپ زارلانماڭ . ئەگەر ھازىرغا قەدەر سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزنى يەنىلا باشقىلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن بولسا ، ئاشۇ ئەقىلللىق كىشىگە ئوخشاش بىر يۈرۈش << قىزىل كىيىم >> كىيىڭ .
گۈرۈجچاق ئاندىرويىد تېلېفۇنىنىڭ تەكشى تاختا نەشىرىنىڭ يەرشارىلىق سېتىلىش باھاسى :
16 GB
1499 يۈەن
32 GB
1699يۈەن
Elanni Korush&...
|
‹‹ ئالما ›› يانفۇننى سېتىپ چىقارغۇچى دېققەت قىلىدىغان ئاساسلىق ئۈچ نۇقتا : جۇڭگۇ ، ھەق تاپشۇرۇش ۋە ئابونت بىخەتەرلىكى
يېقىنقى 3 يىللىق كۈتۈش ئارقىسىدا ، ‹‹ ئالما ›&rsaquo...
|
لەگلەك تور تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2014 by www.leglek.com all rights reserved