قانداق قىلغاندا كۆپ پۇل تاپىقى بۇلىدۇ؟

بۇرنىغا تايىنىپ پۇل تېپىش. 

 

چارلى ئىسىملىك بىر ئامېرىكىلىق يىگىت بۇرنىنىڭ پۇراش سېزىمىنىڭ تولىمۇ ئۆتكۈرلىكىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى مەخسۇس يېتىشتۈرمەكچى بوپتۇ. ئۇ دائىم رەزىنكە، خروم ئاياغ، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى قاتارلىق غەيرىي پۇراق ھاسىل قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئوتقا تاشلاپ، تۈرلۈك پۇراقلارنى پەرق ئېتىشنى مەشق قىپتۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۇراش سېزىمى تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى پۇراقلارنى پەرقلەندۈرۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغانلارمۇ كۆپىيىپتۇ، شۇڭا، چارلى پۇراق ئايرىش شىركىتىدىن بىرنى قۇرۇپتۇ.


ئۇ ئاساسلىقى خېرىدارلارغا تۈرلۈك پۇراقلارنى ئايرىپ، مۇشۇ پۇراقنى چىقارغان نەرسىنى تېپىپ، شۇ ۋەجىدىن كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ داۋا تېپىشىغا ياردەم قىلىدىكەن، ياكى پۇراقنى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق دەلىل- ئىسپات توپلاپ، دېلو پاش قىلىپ، جىنايەتچىنى تۇتۇشقا يادەم قىلىدىكەن. بۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە بولغۇچىلار كەمدىن- كەم ئۇچرىغاچقا، چارلىنىڭ شىركىتى بىلەن رىقابەتلىشىدىغانلار يوق ئىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ يىللىق تىجارەت سوممىسى 1 مىليون 500 مىڭ دوللارغا يېتىدىكەن.
دېمەك، ئۆزىڭىزنى توغرا تۇنىسىڭىز، شەخسىي ئالاھىدىلىكمۇ سودا پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ.

 

بىر ئاياغ زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى بازارنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بىر كەسپىي خادىمنى ئافرىقىنىڭ بىر قەبىلە رايونىغا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپتۇ.

 


ھېلىقى خادىم مەنزىلگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بازارنى ئايلىنىپ يەرلىكلەرنىڭ ئاياغ كىيمەيدىغان ئادىتى بارلىقىنى بايقاپتۇ. ئۇ مېھمانخانىغا قايتىپ كېلىپ خوجايىنىنىغا "بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يالاڭ ئاياغ يۈرۈيدىكەن، ئاياغ ساتقىلى بولمىغۇدەك، بازار ئېچىش مۈمكىن ئەمەسكەن" دېگەن مەزموندا تېلېگىرامما يوللاپتۇ.


خوجايىن تېلېگىراممىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كۆڭلىدە يەنىلا تەن بەرگۈسى كەلمەي، يەنە بىر خادىمنى بازار تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپتۇ. بۇ خادىم شۇ جايغا بارغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ يالاڭ ئاياغ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خوشال بولۇپتۇ. ئۇ دەرھال خوجايىنغا:بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يالاڭ ئاياغ يۈرۈيدىكەن. بازارنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور ئىكەن، بازار ئېچىشىمغا ئازراق ئاياغ ئەۋەتكەن بولسىڭىز، دەپ تېلېفون بېرىپتۇ.
بۇ خادىمنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن بازار ئېچىش مۇۋەپىقىيەتلىك بولۇپتۇ، كېيىن بۇ ئاياغ زاۋۇتى ئاشۇ جايدا نەچچە مىليون جۈپ ئاياغ سېتىپ، كۆپ پايدا ئاپتۇ، بازارنىمۇ مۇقىم ئىگىلەپتۇ. باشقا ئاياغ زاۋۇتلىرى بۇنى ئاڭلاپ تاپ بېسىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار كېچىكىپ قاپتۇ.


دېمەك، تىجارەتچى تىجارەت جەريانىدا بەزىدە قىلماچى بولغان ئىشنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئەمەس، ئىستېمالچىلانىڭ ئېھتىياجىنى ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا، تېخىمۇ كەڭ بازار ئاچقىلى بولىدۇ.

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نامى : LEGLEK



خەتكۈچلەر:
27-04-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: ئىگىلىك تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-03-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: جۇڭگودىكى بىرىنچى باي ۋاڭ جىيەنلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ دۆلەت كارخانىلىرى يىراقنى كۆرەر ئەمەس ھەمدە خەلقئارالىق باشقۇرۇش ئۆلچىمى كە...
06-02-2016
         جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا 2016-يىللىق ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، راسچوت سىستېمىسىدا قوغداش كۆزنىكى جەمئىي 12 قېتىم قوزغىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدى...
05-02-2016
        بۈگۈن بازار ئېچىلىغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكەچى بىر مەھەل ئۆستى، كېيىن تەۋرىنىش ئىچىدە چۈشۈشكە باشلىدى، چۈشتىن كېيىن بولسا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى، بازار يېپىلغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى %0.63 چۈشت...
05-02-2016
         چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالى بابا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسى Flipkart قا مەبلەغ سالماقچى بولغان، ئەمما سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن Flipkart نىڭ مۆلچەر باھانى 15 مىلىيارد د...
05-02-2016
       جۈمە2-ئاينىڭ5-كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1155 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 4ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى،...
05-02-2016
     ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى پايچېكى بازىرىدىن 15 تىرلىيۇن دوللار پارغا ئايلىنىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ يامان بولدى . 2016-يىلى كىرگەندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا پايچې...
05-02-2016
     سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 5- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا « ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك باھالاش كومىتېتى » 4- فىۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ خەلق پۇلى كەلگۈسى 10 يىل...
05-02-2016
        خەلقئارا نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ئاللىقاچان تېز ئۆسۈش دەۋرىگە كىردى، ئىككى كۈن ئىچىدە %99.5 لىك نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 30 دوللار ئۆسۈپ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنى خېلىلا سەمىرتىپ قويدى. 3- فى...
04-02-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 4- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى يەر شارى نېفىت باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل نۆۋەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىشى مۇمكىنلىقىنى، چۈنكى رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشك...
04-02-2016
      2- ئاينىڭ 3- كۈنى نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1126 دوللار بولغان ئىدى، ھالبۇكى بۈگۈن ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى بىراقلا 17 دوللار ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 1143 دوللارغا...
Powered by Leglek