جۇڭگو ئاخبارات تورى 17- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىكى تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 1-2 ئايدىكى سودا ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئومۇمي ئۇقتۇرۇش قىلغان ھەمدە تاراتقۇلار كۆڭۈل بۆلىدىغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن. سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى چېن دەنياڭ يىغىندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: 1-2 ئايلاردا دۆلەت ئىچىدىكى ئىستىمال بازىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، پۈتۈن مەملىكەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىستىمال بويۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تېرلىيون 300 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.2 ئاشتى، ئەمما ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەن بولدى، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندىكى ئەمەلىي ئېشىش نىسبتى %9.6 بولدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved