مائارىپ تەرەققىياتىغا نېمە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ؟


مىلاقىز بەكرى، ئاينۇر ئابلىمىت

 


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەز ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتىن زور ئېتىبارلارنى بېرىۋاتىدۇ، كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنى ھەقسىزلەشتۈرۈش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىشلىرىغا مەبلەغ ئاجرىتىۋاتىدۇ. ئەمما، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، دېھقان – چارۋىچىلار، شەھەر – بازارلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئۆرلەپ ئوقۇشى، داۋاملىق ئوقۇشى تەس بولۇشتەك بىر قاتار مەسىلىلەر يەنىلا ساقلانماقتا. ئۇنداقتا، مائارىپ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان مەسىلە زادى نېمە؟ بۇ ھەقتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر نېمە دېدى؟

 


ۋەكىل تيەن ۋېن مۇنداق دېدى: ‹‹مائارىپ ھەممىدىن ئەلا›› دەيدىغان قاراشتا چىڭ تۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئىدىيە ئاساسى. ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇر ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ سۈپىتى، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، نىسبەتەن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. مېنىڭچە، يېزا، كەنت مەكتەپلىرى قۇرۇلۇشىدا نېمە كەم بولسا، شۇنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىلسە، بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرسە؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە (شەھەر) لەرنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش كۈچەيتىلسە؛ كەسپىي مەكتەپلەرنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر بىر ۋىلايەتتە بىردىن كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلسا؛ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە يېزىلاردىكى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، مائارىپنى ئاساس قىلىشنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلسە.

 


ۋەكىل گۈلگىنە نىياز مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، مائارىپقا توسالغۇ بولۇۋاتقان تۈپ مەسىلە دەل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ھەم بىلىم ساپاسىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال بىلىم ساپاسى بىر قەدەر تۆۋەن، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئوقۇغۇچىلار قوشۇنىنى يېتەكلەپ مېڭىشقا ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چەت، يىراق كەنتلىرىگە بارغان ئوقۇتقۇچىلار شارائىتنىڭ ناچارلىقى ھەم مائاشنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبلىك باشقا يەرگە يۆتكىلىپ كېتىشىمۇ ھېلىھەم مەۋجۇت. شۇڭا، ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئىقتىدارلىق، ساپالىق ھەم بىلىملىك ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشكە سەل قارىماسلىقى، بۇ جەھەتتىكى سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى تولىمۇ زۆرۈر.

 


ۋەكىل لياڭ چاۋ مۇنداق دېدى: مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاساسى ئادەمدە، مۇھىم ھالقىسى مائارىپتا. ھازىر مائارىپ خىزمىتى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ سىڭىپ كىرىشى، يېزىلاردا بالىلارنىڭ مەكتەپتىن قېچىشى، ئوقۇتقۇچىلار ساپاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، كەسپىي مائارىپ بىلەن كەسىپلەرنىڭ ياخشى بىرىكتۈرۈلمەسلىكى قاتارلىق مۈشكۈل ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ دىندىن پايدىلىنىپ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ۋەزىپە مۈشكۈل. بۇ بىزدىن ئالاھىدە ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىزمەتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

 


ئىككى كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ مائارىپ توغرىسىدا بەرگەن تەكلىپ – پىكىرلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

 


ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىككى كۈندىن بۇيان مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا ياخشى تەكلىپ، پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى سۆيۈندۇق. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تەكشىسىز، مائارىپ سېپىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قۇرۇلمىسى تەكشى بولماسلىق، شەھەر – بازارلاردا ئوقۇتقۇچىلار كۆپ، چەت، يىراق جايلاردا ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك، يېزا – قىشلاقلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار شەھەر – بازارلارغا ئېقىپ كېتىشتەك ئەھۋاللار ساقلانماقتا. بۇلار مائارىپ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىللاردۇر. شۇڭا، ئالاقىدار تارماقلار ساقلىنىۋاتقان ھەم ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان قاتمال مەسىلىلەرنىڭ تۈگىنىنى تېپىپ چىقىپ، ئوقۇتۇش ھەم ئادەم باشقۇرۇشتىكى شەكىلۋازلىق ھەم دورامچىلىقنى تۈگىتىپ، خىزمەت قىزغىنلىقى ھەم ئوقۇش – ئوقۇتۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدىغان مائارىپ خىزمەت مېخانىزمى شەكىللەندۈرسە.

 

 

مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى



خەتكۈچلەر:
25-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
12-05-2016
    مۇخبىرنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي مائارىپقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسقا 87 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قى...
11-05-2016
2016-يىلى 9-ماي، چۇڭچىڭ شاڭچىڭسىدىكى ئەڭ گۈزەل كىتابخانىدا كىشىلەر كىتاب كۆرمەكتە. كىتابخانا ياۋروپا ئۇسلۇبىدا بولۇپ، گۈزەل، تىنچ مۇھىت كىتاب يازىدىغانلار ۋە كىتاب ئوقۇيدىغانلارنى بىر يەرگە جەم قىلغانىدى، بۇ يەرد...
11-05-2016
    «بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 7 مىليون 650 مىڭ بولۇپ تارىختا يېڭى رېكورت ياراتقان. بۇنىڭغا ئوتتۇرا، كەسپىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوشقاندا بۇ ئىككى تۈردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئ...
10-05-2016
    چەرچەن ناھىيەسى يېقىندا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 463 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئائىلە ئەھۋالىغا ئاساسەن دەرىجىگە ئايرىپ، ئۇلارغا 442 مىڭ يۈەن دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى تاقىتىپ بەردى.     ئىگىلىنى...
10-05-2016
    «كىتابخانا تورى www.kitabhana.com» بىلكان شىركىتى ۋە بىر قانچە كىتابخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىدا يولغا قويۇلغان تۈر بولۇپ دىيارىمىزدىكى ھەرقايسى نەشرىياتنىڭ قانۇنلۇق نەشر قىلغان ئەڭ يېڭى، بازارلىق، رەسمىي نەشرىدىكى مەتبۇئاتل...
10-05-2016
    مۇخبىرىمىز ئاينۇر سەيدىنھاجى خەۋەر قىلىدۇ: ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئون ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇيدىغانلاردىن ...
10-05-2016
    بېشىغا بىخەتەرلىك قالپىقى كەيگەن، بىخەتەرلىك ئارغامچىسى باغلىۋالغان 12 دەرەخكە يامىشىش مەشقاۋۇلى باش مەشقاۋۇلنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سۇجۇ شەھىرى پەنمىندىكى پۇراقلىق كامفورا دەرىخى ئورمانلىقىدا بىر قەدەم بىر قەدەمدىن د...
09-05-2016
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىنەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق ئالتە تارماق يېقىندا «ياشلار-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى پىكىر» نى ئېل...
08-05-2016
     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كەلگۈسى بەش يىلدا داۋاملىق مەخسۇس مەبلەغ سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە يېزا رايونلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئاساستا، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە يەسلى قوش تىل مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ...
07-05-2016
5-ئاينىڭ 5–كۈنى شاۋياڭ شەھىرى دوڭكۇ ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 1-يىللىقنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى  شىمالىي مەكتەپ رايونى جەنۇبىي ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 6-قەۋىتىدىن سەكرەپ ئۆلۈپ كەتتى.  5-ئاينىڭ 5–كۈنى چۈشتە تولۇق 1-يىللىقنىڭ ئوق...
Powered by Leglek