مۇخبىرنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكا سانائىتى كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكا سانائىتى كومىتېتى يېقىندا ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنى ئېچىپ، «ئاي پەرى 4-» ناملىق تەكشۈرگۈچى ئۇچقۇنىڭ ۋەزىپىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزىتىش دوكلاتى، تەتقىق قىلىپ ياساشنىڭ باش تەلىپى ۋە كېيىنكى ئومۇمىي تەتقىق قىلىپ ياساش پىلانىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان، ئېلىمىزنىڭ «ئاي پەرى 4-» ناملىق تەكشۈرگۈچى ئۇچقۇنىڭ ۋەزىپىسى دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئاينىڭ ئارقا يۈزىدە سىلىق قونۇشتىن ئىبارەت.
تونۇشتۇرۇلىشىچە، «ئاي پەرى 4-» ناملىق تەكشۈرگۈچى ئۇچقۇنىڭ ۋەزىپىسى «ئاي پەرى 3-» ناملىق تەكشۈرگۈچى ئۇچقۇنىڭ زاپىسى بولۇپ، «ئاي پەرى 3-» ناملىق تەكشۈرگۈچى ئۇچقۇ ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، ھازىر بار بولغان مەھسۇلات شارائىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان ۋە يېتەكلەش خاراكتېرلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، دەلىللەش گۇرۇپپىسى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، تولۇق دەلىللەپ ۋە قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇپ تاللاش ئارقىلىق، «ئاي پەرى 4-» ناملىق تەكشۈرگۈچى ئۇچقۇنىڭ ۋەزىپىسىنى تۈزەتكەندىن كېيىنكى يولغا قويۇش لايىھەسىنى مۇقىملاشتۇرغان. ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، قۇرۇلۇشنىڭ باش قوماندانى، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكا سانائىتى كومىتېتىنىڭ باشلىقى شۈ داجې مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈن مۇساپىسىدە مەسئۇلىيەت، بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، «ئاي پەرى 4-»، «ئاي پەرى 5-» ناملىق تەكشۈرگۈچى ئۇچقۇنىڭ نىشاندىكى ۋەزىپىنى تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved