ئەنگىلىيە «مەركىزىي شەھەر گېزىتى» نىڭ 2-دېكابردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئوكلاخوما شىتاتىدا بىر ئېشەك ئېغىلدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن، ساقچىلار تەرىپىدىن ۋاقتىدا تۇتىۋېلىنغان، بەخىتكە يارىشا بىگۇناھلارنىڭ يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن. كۈلكىلىكلىكى شۇكى، ساقچىلار بۇ ئېشەكنى ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغۇزغان، ھەمدە بۇ ئېشەكنىڭ باش ئېگىپ قوشۇمىسىنى تۈرگەن ھالىتىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان، ئۇنىڭ بۇ چاغدىكى ھالىتى خۇددى ئىنتايىن خىجىل بولغاندەك كۆرۈنەتتى.
بۇ ئېشەكنى ئېلىپ ماڭغان كىيلې.گانان (Kyle Canaan) ئىسىملىك ساقچى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، باشقا بىگۇناھ ئاممىلارنىڭ يارىلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ بۇ ئېشەكنى نەق مەيداندىن تېزراق ئېلىپ كەتمەكچى بولۇپ، ئۇنى ساقچى ماشىنىسىغا سالغان. بۇ ئېشەك بەك تەلەيلىك بولۇپ، بىر پارچە سۈرەتنى تارتىش بىلەنلا، ئۇنىڭ ئىگىسى ئۇنى ئېلىپ كەتكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved