ئامېرىكا ئاق سارىيى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى كايتىلىن ھېدىن تۆنۈگۈن رۇسىيەنىڭ قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى ئۇكىرائىنا تەۋەسىگە كىردى دەپ ئەيىبلىدى، ھەمدە رۇسىيە بۇنىڭ ئۈچۈن «ئارتۇقچە ئاقىۋەتنى» ئۈستىگە ئالىدۇ، دېدى. ھېدىن شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ رۇسىيەنى بارلىق ئاپتوموبىل ۋە خادىملىرىنى دەرھال چېكىندۈرۈشكە دەۋەت قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوبى شۇ كۈنى رۇسىيەنى ئاپتوموبىل ۋە خادىملىرىنى چېكىندۈرۈشكە دەۋەت قىلدى، بولمىسا رۇسىيە ئارتۇقچە بەدەل تۆلەيدۇ ۋە يېتىم قالدۇرىلىدۇ دېدى.
ئۇكىرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى: رۇسىيە ئەۋەتكەن ئاتالمىش قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى «قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىنىڭ نامىدا نىقابلانغان ھەربىي ئاپتوموبىل»، بۇ ئۇكىرائىناغا بىۋاستە تاجاۋۇز قىلىش دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved