كورىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خەن مىنچۇۋ بىلەن زىيارەتكە بارغان ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كارتېر 10-ئاپرېل سىئولدا سۆھبەتلەشتى، كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىككى تەرەپ چاۋشيەننىڭ ھەربىي ئېغىۋاگەرچىلىكىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ تۈرلۈك ھەمكارلىق لايىھەسىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلدى. بۇندىن بۇرۇن دىققەت ئېتىبارنى قوزغىغان ئامېرىكىنىڭ كورىيەگە ئېگىز بوشلۇق مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ھەققىدە كارتېر مۇخبىرلار يىغىنىدا: بۈگۈنكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا بۇ مەسىلە مۇھاكىمە قىلىنمىدى دېدى. خەن مىنچۇۋمۇ: كورىيە بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار ھېچقانداق ئىشنى مۇزاكىرە قىلمىدى دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved