بۇ ھەپتە نېفىت بازىرنىڭ دىققەت نۇقتىسى

12- ئاينىڭ1- كۈنى سەيشەنبە ياۋرۇپا بازىرىدا،خەلقئارا نېفىت باھاسى ئۆستى، سەۋەبى دوللار كىچىك دائىرىدە چۈشكەن،لېكىن تەمىنلەش ئېشىپ كېتىش ئەندىشىسى يەنىلا مەۋجۈت، نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) جۈمە كۈندىكى يىغىندا مەھسۇلات مىقدارى نىشانىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قالدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

CMC Markets باش بازار تەھلىلچىسى Ric Spooner نىڭ ئېيتىشىچە ، " ھازىر ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ قارارى ئېنىق ئەمەس" بازار ئومۇميۈزلۈك ھالدا ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسى پەيشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا ياۋرۇ ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ھەمدە مىقدارلاشتۇرۇش پۇل سىياسىتىنى ئۇزاتىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى.

كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا OPEC نىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستان مەھسۇلات مىقدارىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قالسا، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈش تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى. سەيشەنبە ئاۋسترالىيە - يېڭى زېلاندىيە بانكىسىنىڭ ئېيتىشىچە" بازارنىڭ بۇ ھەپتىدىكى دىققەت نۇقتىسى جۈمە كۈنى ئېچىلدىغان 168- نۆۋەتلىك OPEC يىغىن قارارى ۋە ئامېرىكا زاپاس مىقدارىغا مەركەزلىشىدۇ. بازار نۆۋەتتە يىل ئاخىرىدىكى بۇ ۋاقىتتا نېفىت زاپاس مىقدارى تۆۋەنلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى. ئەگەر ئەھۋال بۇنداق بولمىسا، ئۇنداقتا غەربىي تېكساس ئوتتۇرا سۈپەتلىك ماي (WTI) كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتىدە ھەر تۇڭى 40 دوللاردىكى باھادىن چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن." دەپ كۆرسەتتى.

بېيجىڭ ۋاقتى 16:40 دە ، بۇلۇنتې قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.18% ئۆسۈپ، 44.69 دوللار/باك بولدى؛ ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.38% ئۆسۈپ، 41.81 دوللار/باك بولدى.



خەتكۈچلەر:
02-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: خەۋەر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
01-05-2016
    ياپونىيە يېنىنىڭ «شىددەت بىلەن ئۆسۈشى» ئامېرىكا دوللىرىنىڭ زور نىسبەتتە چۈشۈشىنى ئاستىلاتتى، خەلق پۇلى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئوتتۇرا باھاسى ئۆسۈپ 2005-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئۆسۈش نىسبىتىنى ياراتتى. بۈگ...
30-04-2016
    فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 4-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە «يەكشەنبە تايمىس گېزىتى» يېقىندا ئېلان قىلغان يىللىق رەت تەرتىپتە كۆرسىتىلىشىچە، لوندون دۇنيادىكى مىلياردېرلار ئەڭ كۆپ شەھەرگە ئاي...
30-04-2016
    پەن-تېخنىكا تورى خەۋىرى (مۇخبىر پەن شى)، مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىللىق دۇنيا ھاياتلىق ئىلىمى پەن-تېخنىكا يىغىنى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن....
30-04-2016
    يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى جۇڭنىڭ تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىشىچە، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ مائاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندىن بۇيان، كا...
30-04-2016
    ھىندىستان تاراتقۇسى «ئىقتىساد گېزىتى» ماقالىسىگە ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى ھىندىستان باش مىنىستىرى مۇدى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قىممىتى 20 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېي...
30-04-2016
    رۇسىيە سودا مەسلىھەتچىلىك تور بېكىتىنىڭ 4- ئاينىڭ 28- كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالېكساندىر تېكاچېۋنىڭ 4- ئاينىڭ 28- كۈنى بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە ئامېرىكا ۋە كانادادىن ئېشىپ كېتىپ، د...
30-04-2016
    كۈمۈش بازىرىنىڭ ئىپادىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئالتۇن بازىرىنىڭ ئىپادىسىدىن ئېشىپ كېتىپ، قىممەتلىك مېتاللار ئىچىدىكى باشلامچى بولۇپ قالدى، ئەمما تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، بازار كەيپىياتىدا باھانىڭ ئۆرلىشى جەريان...
30-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇسى Re/Code نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇگىل يېڭى قاتتىق دېتال بۆلۈمى تەشكىللەۋاتقان بولۇپ، Nexus يان تېلېفونى، Chromebook خاتىرە كومپيۇتېرى، Pixel C ئۈسكۈنىسى، OnHub روتېر، ATAP، گۇگىل كۆزئەينەك كەسپى قات...
30-04-2016
    4-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزى ئۈرۈمچىدە رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، بۇ مەركەز شىنجاڭدىكى تۇنجى «كەنت، يېزا ئىگىلىك ۋە دېھقانلار زور سانلىق مەلۇمات بۇلۇت سۇپىسى» نى قۇرۇپ، «يېزا...
30-04-2016
    4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى دۆلەتلىك باج ئىدارىسىدا شىنجاڭدىكى تۇنجى 24 سائەتلىك ئاپتوماتىك باج ئىشلىرى مۇلازىمەت زالى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ مۇلازىمەت زالىدىكى 5 ئاپتوماتىك باج ئىشلىرى ماشىنىسى باج ...
Powered by Leglek