4– نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، 5 – كۆرگەزمە زالىغا ئورۇنلاشقان شىنجاڭ ‹‹مارىياننا›› مىللىي كەشتىچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ گۈل – چېچەكلەرگە پۈركەنگەن كۆركەم كۆرگەزمە ئورنىدا قاتار ئېسىپ قويۇلغان ھۇجرا كىيىملىرى ۋە مۇراسىم كىيىملىرىنىڭ سەرخىللىقى، رەڭدارلىقى ۋە كۆركەملىكى بۇ يەرگە كەلگەن ھەر بىر ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى.
ئۇقۇشىمچە، شىنجاڭ ‹‹مارىياننا›› مىللىي كەشتىچىلىك شىركىتى لايىھەلەش، گۈل كەشتىلەش ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەر خىلكىيىم – كېچەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن، تاشقى سودىنى ئاساس قىلىدىغان مىللىي پۇقراۋى كارخانا ئىكەن. بۇ شىركەت 2013 – يىلى 4 – ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹گۈزەللىك قۇرۇلۇشى ئۈلگە بازىسى›› بولۇپ بېكىتىلىپتۇ، 2012 – يىلى 9 – ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 1 – نۆۋەتلىك ئاسىيا – ياۋروپا يىپەك يولى كىيىم – كېچەك بايرىمىدا ‹‹مارىياننا›› ماركىسى ‹‹ئون چوڭ ماركا›› قاتارىغا كىرىپتۇ، 2 – نۆۋەتلىك ئاسىيا – ياۋروپا يىپەك يولى كىيىم – كېچەك بايرىمىدا ئۇلار يەنە ‹‹شىنجاڭنىڭ نادىر كىيىم – كېچەك ماركىسىنى كۆرگەزمە قىلىش مۇكاپاتى››غا ئېرىشىپتۇ.
شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى رىزۋانگۈل ئوبۇلقاسىم پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدىغان ئايال كارخانىچى بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە ۋە شىنجاڭ ‹‹دېخۇي›› كىيىم – كېچەك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 3 – نۆۋەتلىك ئاسىيا – ياۋروپا يىپەك يولى كىيىم – كېچەك بايرىمىدا، ئۆزىنىڭ يېڭى پاسوندىكى ھۇجرا كىيىملىرى ۋە مۇراسىم كىيىملىرىنى كۆرگەزمە قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەپتۇ.
3 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، ‹‹دېخۇي›› كىيىم – كېچەك سارىيىنىڭ 6 – قەۋىتىدە، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش ساداسى ئىچىدە، ئەنئەنىۋى ئۇسلۇب بىلەن زامانىۋى ئۇسلۇب بىرلەشتۈرۈلگەن خاس ھۇجرا كىيىملىرى، مۇراسىم كىيىملىرى مودىللارنىڭ ئۇچىسىدا جۇلالىنىپ، ‹‹مارىياننا›› كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ ئېسىللىقى ۋە رەڭدارلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.
رىزۋانگۈل ئوبۇلقاسىم مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە بىز شىنجاڭدىكى ‹‹بالىم››، ‹‹ئەسلىمە›› قاتارلىق مىللىي كارخانىلار بىلەن توختاملاشتۇق، لەنجۇ شەھىرىدىكى بىر كارخانا بىلەن ھەمكارلىشىپ، زەنجىرسىمان دۇكان قۇرۇشنى پىلانلىدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى چوڭ بىر شىركەت بىلەن توختام ئىمزالاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە بىزگە نۇرغۇن ئامەت ئېلىپ كەلدى. بىز يەنە 9 – ئاينىڭ 20 – كۈنى خوتەن شەھىرىدە بىر زاۋۇت قۇرماقچى بولۇۋاتىمىز.
زىيارەت ئاخىرىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز مىللىي كىيىم – كېچەك كارخانىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. بۇ بىزگە ئوخشاش مىللىي كىيىم – كېچەك كارخانىلىرى ئۈچۈن زور پۇرسەت. شۇڭا بىز بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved