يىپەك يولى ئۆرپ - ئادەتلىرى ئاساسىي تېما قىلىنغان 13-نۆۋەتلىك يىپەك يولى قار - مۇز مەنزىرىسى بايرىمى 10- يانۋار ئۈرۈمچى شەھىرىدە باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك قار - مۇز قار - مۇز بايرىمى مۇنبىرى، قار - مۇز سەيلىسى، قار - مۇز مەدەنىيىتى، قار مۇز تەنھەرىكىتى قاتارلىق تۆت چوڭ تېما، 50نەچچە تۈرلۈك پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇنقى تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.
قار - مۇز ساياھەتچىلىكى جەھەتتە، بۇ يىل « ھۆكۈمەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش، قار - مۇز سەيلىسى سىناق كارتا » پائالىيىتىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىپ، 50مىڭ دانە كارتا تارقىتىلدى.
بۇ نۆۋەتلىك يىپەك يولى قار - مۇز مەنزىرىسى بايرىمى 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىدىن پايدىلىنىپ، قار - مۇز بايرىمى مەزگىلىدە قار مۇز تەنھەرىكىتى مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت . پۈتۈن شەھەردىكى قىشلىق سۇ ئۈزۈش ھەۋەسكارلىرىنى تەشكىللىنىپ، مەملىكەت بويىچە قىشلىق سۇ ئۈزۈش كۈنى پائالىيىتى ۋە يىللىق مۇسابىقىسى، ئدۋېند لوڭقىسى خەلقئارا ياش - ئۆسمۈرلەر قار تېيىلىش مۇسابىقىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - نۆۋەتلىك ئەقلىي ئىقتىدار مۇسابىقىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش يىللىق مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنداقلا « قار - مۇزنى ھەمراھ قىلىپ، ساغلاملىق بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش » باش تېما قىلىنغان قىزىقارلىق تەنتەربىيە ھەرىكىتى قانات يايدۇرىلىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 14-ماي، ئەنگىلىيە لوندون، شۇ جايدىكى كىشىلەر قەدىمىي ۋېلىسىپىتلەرنى مىنىپ، كونىنى ئەسلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved