جۇڭگو خەۋەر تورى 1 – ئەينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ، مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئۆتكەن يىلى 12 ئاينىڭ 28 – كۈنى چۈشۈپ كەتكەن ۋەقەگە ئۇچىرىغان ئاسيا ئاۋىياتسىيە 5801QZ نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئايروپىلان كەينىنى 10- چىسلا سۇدىن سۈزۈپ چىقتى ، لېكىن قارا ساندۇقنى يەنىلا تاپالمىدى . لېكىن سېگنالئى تېخىمۇ كۈچىيىپ بارىدۇ . ئايروپىلاننىڭ كەينى تەرىپى ئايروپىلان پارچىلىرى تېپىلغان يەردىن ئككى كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە تېپىلغان .
خەۋەر قىلىشىچە سۇغا چۆكۈش باشلىقى قارا ساندۇقنى بايقىغان لېكىن ئايروپىلاننىڭ كەينى پارچىلىرىدا ئەمەس .
ھىندونېزىيەنىڭ سىسۇدىن سىنگاپورغا قاراپ ئۇچقان ئاسيا ئاۋىياتسىيە 5801QZ نۆۋەتچى يولۇچىلار ئايروپىلانى 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى رادار ئېكرانىدىن غايىب بولغان . ئايروپىلاندىكى 162 نەپەر كىشىدىن ھېچقانداق ھايات قالغۇچى قالمىغان .
ھىندونېزىيىنىڭ بىر ئەمەلدار ئېيتىشىچە ، ئاسىيا ئاۋىياتسىيە يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قالدۇقىنى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى 9 – چىسلا قارا ساندۇقنىڭ سىگنالىنى بايقىغان . بۇ تىپتىكى ئايروپىلان قارا ساندۇقى ئايروپىلاننىڭ ئارقا تەرپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان . ئەمەلدارلار بۇرۇن ئاگاھلاندۇرۇپ قارا ساندۇق ئايروپىلاننىڭ كەينى تەرپىدىن ئاجىراپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن دېگەن .
ۋەقەگە ئۇچىرىغان ئايروپىلاننىڭ ئارقا تەرىپى 7 - چىسلا بايقالغان ، يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ ئورنىنى بەلگىلىگەن يەردىن تەخمىنەن 30كىلومېتىر يىراقتىكى يەردىن تېپىلغان . 30 مېتىر سۇ ئاستىدىن تېپىلغان .
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved