ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
« ئەمگەكچىلەر گېزىتى » نىڭ خەۋەر قىلىشىچە 2015-يىللىق باھار بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشغا ئەگىشىپ تۆمۈر يول مىنىستىرلىكى بىر قاتار يېڭى بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويدى. بۈگۈندىن باشلاپ قاتلىنىدىغان ۋېلىسپىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق ۋېلىسپىت قاتارلىق ئەسۋابلارنى پويىزغا ئېلىپ چىقىشقا بولمايدۇ.
بۈگۈندىن باشلاپ شاڭخەي پويىز ئىستانسىسى ، شاڭخەي جەنۇبى پويىز ئىستانسىسى بېكەتكە كىرىش ئېغىزى، بېلەت تەكشۈرۈش ئېغىزى قاتارلىق كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنلاردا يولۇچىلار مۇنداق بىر پارچە ئۇقتۇرۇشنى كۆرەلەيدۇ:«يولۇچىلار بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا كاپالەتلىك قىلىش ۋە تۆمۈر يول بېكەتلىرىنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ يۇلۇچىلارنىڭ ۋېلىسپىت ( قاتلىنىدىغان ۋېلىسپىتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە ئاممىۋى ھاجەتخانىغا دەخلى قىلىدىغان، يولۇچىلارنىڭ پويىز ئىچىدە راۋان يۈرىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان، تۆمۈر يول قاتنىشىنى ئاسان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان نەرسىلەر ۋە جانۋارلارنى پويىزغا ئېلىپ چىقىش چەكلىنىدۇ.ھەرقايسى يولۇچىلارنىڭ ئاڭلىق بويسۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە پويىز ئىچىدىكى ھەر قايسى ئاڭلىتىش ئۈسكۈنىلىرىمۇ بۇ ئۇقتۇرۇشقا قارىتا تەشۋىق ئېلىپ بارىدىكەن.
ئۇنداقتا پويىزغا ئېلىپ چىقىشقا بولىدىغان چوڭ ھەجىملىك نەرسىلەرگە قارىتا تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ قايسى بەلگىلىمىسى بار؟ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن پويىزغا ئولتۇرغاندا چوڭ ئادەملەر ھەقسىز 20 كىلوگرام ئېغىرلىقىتىكى نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقسا بولىدۇ. بالىلار بولسا ھەقسىز 10 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقسا بولىدۇ. ئېلىپ چىققان نەرسىلەرنىڭ سىرتقى ھەجمى ( ئۇزۇنلۇقى كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكىنى قوشقاندىكى ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى ) ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 160 سانتېمىتىردىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ئەپكەش، بەلگە خادىسى ۋە ئۆلچەش سىزغۇچى قاتارلىق خادا خاراكتېرىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئۇزۇنلۇى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 2 مېتىردىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ئېلىپ چىققان نەرسىلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە سىغىمى يۈك تاق قويىدىغان ئورۇنغا قۇيۇشقا ماس كېلىدىغان بولۇشى ياكى ئۇرۇنغا قۇيۇشقا ئەپلىك بۇلۇشى كېرەك. ھەم باشقا يولۇچىلارنىڭ ئولتۇرىشىغا ياكى پويىز ئىچىدە يۈرىشىگە دەخلى قىلمايدىغان بۇلۇشى كېرەك.
ئىگىلىنىشچە يەنە باشقا « تۆمۈر يول تۇشۇش كارخانىلىرى رۇخسەت قىلغان ئىجازەت چارىسى» ، « تۆمۈر يول يولۇچى تۇشۇش بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش باشقۇرۇش چارىسى » ۋە « تۆمۈر يول يولۇچىلار بېلەتتە ئەمەلىي ئىسىم تۈزۈمى باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق يېڭى تۈزۈملەرمۇ 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved