ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا شاڭخەي «فۇشى» يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، شاڭخەي شەھەرلىك يېمەكلىك، دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ۋە ساقچى دائىرىلىرى بۇ كارخانىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان، بۇ كارخانىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشى بايقالسا، قاتتىق جازا قوللىنىلىدىكەن.
شاڭخەي «فۇشى» يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى 1996- يىلى 4- ئاپرېل قۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا OSI گۇرۇھى شىركىتىنىڭ جۇڭگودا مەبلەغ سېلىپ قۇرغان 2- خەلقئارالىق ئۆلچەمدىكى گۆش تۈرىدىكى ۋە كۆكتات پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى ئىكەن. بۇ كارخانىنىڭ مال تەمىنلەش دائىرىسى خېلى كەڭ بولۇپ، «ماكدونالد»، «كېنتاكى» قاتارلىق چەتئەلچە تېز تاماقخانىلارنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved