بازار تەكشۈرۈش ئورگىنى IDC نىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى تۇنجى قېتىم بىر خانىلىق سان بويىچە ئاشقان، يەنى ئېشىش سۈرئىتى %9.8 بولغان، ئومۇمىي مال چىقىرىش مىقدارى 1 مىليارت 430 مىليون بولغان. IDC نىڭ دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تىنچ ئوكيان رايونى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە غەربى ياۋروپا رايونلىرىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارىدا ئاستىلاش كۆرۈلگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 2015-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ مال چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەنىمۇ ئاستىلايدىكەن، بۇنىڭ ئاساسى سەۋەبى بولسا Windows Phone يانفونلىرى ۋە باشقا سېستىمىلىق يانفونلارنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى ئەسلىدىكى مۆلچەردىن تۆۋەنرەك بولىدىكەن.
IDCنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى پۈتۈن يەر شارىغا تەسىر كۆرسەتكەن، بۇ بازار ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون كەسپىنىڭ مۇھىم بازىرىغا ئايلانغان. جۇڭگو بازىرىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى بىر خانىلىق سان بويىچە ئاشقان. ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا رايونلىرىنىڭ 2015-يىلىدىكى ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان. مۆلچەرلىنشىچە، كەلگۈسىدىكى بەش يىل ئىچىدە iPhone نىڭ مال چىقىرىش مىقدارى ئاندىرويىد سېستىمىلىق يانفونلارغا يەتمەيدىكەن.
ئەمما ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ بازىرى پۈتۈنلەي توختاپمۇ قالمايدىكەن. ئەپ دېتالى ئانالىز شىركىتى Localytics نىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قارا جۈمە مۇناسىۋىتى بىلەن iPhone 6s نىڭ ئاېرىكىدىكى سېتىلىش مىقدارى %36 ئاشقان، سامسۇڭنىڭ Galaxy S6 نۇسخىلىق يانفونىنىڭ سېتىلىش مىقدارى بولسا %68 ئاشقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved