يېقىندا، بېرلىنغا جايلاشقان «تۇرمۇش ۋە خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاش فوندى جەمئىيىتى» ئەنگلىيەلىكلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئىش ھەققى كىرىم سەۋىيەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى گىنى كۆرسەتكۈچى ئەڭ چوڭ، يەنى باي- نامراتلىق پەرقى ئەڭ ئېغىر دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن.گىنى كۆرسەتكۈچى خەلقئارادا ئاھالىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كىرىم تەقسىمات پەرقىنى ئۇنىۋېرسال باھالاشتىكى مۇھىم ئانالىز كۆرسەتكۈچى بولۇپ، بارلىق ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىدىكى ئادىل بولمىغان كىرىمنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىلىدۇ.
گىنى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىممىتى 1، ئەڭ تۆۋەن قىممىتى 0 بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى قىممەت ئاھالىلەر ئارا كىرىم تەقسىماتى مۇتلەق تەڭپۇڭ بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى كىرىمىنىڭ %100 تىنىڭ ھەممىسىنى بىر ئادەم ئىگىلىۋالغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. كېيىنكىسى بولسا ئاھالىلەر ئارا كىرىم تەقسىماتىنىڭ مۇتلەق تەڭپۇڭلۇقىنى بىلدۈرىدۇ، يەنى كىشىلەر ئارا كىرىم سەۋىيەسىنىڭ پۈتۈنلەي تەڭپۇڭ ئىكەنلىكى، ھېچقانداق پەرق يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما بۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال پەقەت نەزەرىيە جەھەتتىكى مۇتلەق شەكىل بولۇپ، ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئادەتتە كۆرۈلمەيدۇ.
شۇڭا، گىنى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئەمەلىي قىممىرى پەقەت 0 دىن 1 گىچە بولىدۇ، گىنى كۆرسەتكۈچى قانچە كىچىك بولسا، كىرىم پەرقى بارغانسېرى تەڭپۇڭ بولىدۇ، گىنى كۆرسەتكۈچى قانچە چوڭ بولسا، كىرىم پەرقى شۇنچە تەڭپۇڭ بولمايدۇ. خەلقئارادا ئادەتتە گىنى كۆرسەتكۈچىنىڭ 0.4 قىممىتى باي- نامراتلىق پەرقىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى ھېسابلىنىدۇ، بۇ قىممەتتىن چوڭ بولۇپ كەتسە، جەمئىيەتتە ئاسانلا قالايمىقانچىلىق پەيدا بولىدۇ، ئەنگلىيەدىكى گىنى كۆرسەتكۈچى 20085- يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدىن كېيىن ئىزچىل ئۆرلىدى، ھازىر گىنى كۆرسەتكۈچىنىڭ قىممىتى 0.404 بولماقتا.
بۇ سانلىق قىممەت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 0.346 لىق ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى، بۇنىڭدىن ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە ئەڭ تەڭپۇڭسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، پورتوگالىيە ئەنگلىيەنىڭلا كەينىدە تۇرىدىغان بولۇپ، ياۋروپادىكى كىرىم تەقسىماتى تەڭپۇڭسىزلىقىدا 2- ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، گىنى كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان دۆلەتلەردىن يەنە گرېتسىيە، ئاۋسترىيە ۋە ۋېنگىرىيەمۇ بار.
لوندون سىياسەت، ئىقتىساد پەنلىرى ئىنىستىتۇتى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا ئېيتىلىشچە، 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىن بۇيان، ئەنگلىيەدە كىرىم تەڭپۇڭسىزلىشىش ئەھۋالى ئۈزلۈكسىز ئېغىرلاشقان، بولۇپمۇ پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدىن كېيىن، بۇ ئەھۋال بارغانسېرى گەۋدىلەنگەن.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىن بۇيان، ئەنگلىيەدىكى ئەڭ باي كىشىلەر توپىنىڭ ئىجتىمائىي كىرىم تەقسىماتىدا ئىگىلىگەن سالمىقى تەدرىجىي ئېشىپ بارغان. ئىش ھەققى كىرىمىدىن قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكى كىرىم پەرقى بارغانسېرى كېڭەيگەن.
ئىش ھەققى كىرىمى بىر قەدەر تۆۋەن كىشىلەرگە نىسبەتەن، گەرچە ئۇلار بىر قەدەر يۇقىرى بولغان تاپاۋەت بېجى تولۇقلىمىسىغا ئېرىشەلىسىمۇ، ئەمما باج كەچۈرۈم قىلىش ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئازايتىلىش تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە مەنپەئەتى بىر قەدەر چوڭ زىيانغا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۆۋەن كىرىملىكلەر سىنىپى بىلەن يۇقىرى كىرىملىكلەر سىنىپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ.
كاپىتال كىرىمىدىن قارىغاندا، ئەنگلىيەدىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى %1 كىشى تەخمىنەن %40 كاپېتالنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن بولماقتا، كاپېتال مەبلەغ سېلىش پايدىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىجتىمائىي ئومۇمىي كىرىمدىن ئېشىپ كەتتى، ھەمدە كاپېتال مەبلەغ سېلىش پايدىسىنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسىمۇ ئەمگەك كىرىمىنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن بايلىق تەقسىمات تەڭپۇڭسىزلىشىش ئەھۋالىمۇ مەلۇم دەرىجىدە بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتتى. شۇڭا، دوكلاتتا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئەمگەكچىلەرگە پايدىلىق سىياسەت تۈزۈشى كېرەك، مەسىلەن ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، ئەمگەك ماھارىتى جەھەتتىن تەربىيەلەش، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش دېگەندەك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان تەڭپۇڭسىزلىق ھالىتىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.
ئادەتتە، كىرىم تەقسىماتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتكە تاللاشقا بېرىلىدىغان سىياسىي قوراللاردىن باج كىرىمى، ئاممىۋى چىقىم ۋە ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇش قاتارلىقلار بار. باج كىرىم تۈزۈمى بايلار ۋە نامراتلارنىڭ كىرىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا پەقەت يېنىك تەڭشەش رولىنىلا ئوينىيالايدۇ. ئەمما ھۆكۈمەت چىقىمى جەھەتتە ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك. باج كىرىمى بايلاردىن پۇل ئېلىشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ، ئەمما نامراتلارنى يۆلەش جەھەتتە ئوينايدىغان رولى چوڭ ئەمەس. پەقەت ئىجتىمائىي كاپالەت چىقىمى، مەجبۇرىيەت مائارىپى چىقىمى ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىش چىقىمى قاتارلىق ئاممىۋى چىقىملار تەڭلا رول ئوينىغاندا، ئاندىن ھەقىقىي ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved