جاھان ئاگېنتلىقى 7-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇرىيە ئارمىيسى ھەلەبتىن قالسا ئەڭ كۆپ تۈركمەن نۇپۇسى كۆپ بولغان لازكىيەنىڭ تۈركمەن يېزىلىرىغا قاراپ ئىلگىرلىدى. لازكىيەگە قاراشلىق رايۇنلاردا بىر ھەپتە داۋاملاشقان بومباردىماندىن كېيىن جۈمە كۈنى قۇرۇقلۇق قىسىملىرى لازكىيەنىڭ مەركىزى ۋە تۈركىيە چېگرىسىدىكى كەسەب بازىرىغا ئىككى تەرەپتىن ھۇجۇم قىلدى. لازكىيەنىڭ مەركىزىدىن باشلاپ ھۇجۇم قىلغان ئەسەد ھۆكۈمەت كۈچلىرى ، بايىر بۇجاك رايۇنىغا 25 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى كۈرت تېغى رايۇنىدىكى دۇرىن بازىرىنى قولغا كىرگۈزدى. بايىر بۇجاك رايۇنىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان «تۈركمەن شېھىدلىرى ئەترىتى» قۇماندانى ئادىل ئورلى، ئىستراتىگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دۇرىن بازىرىنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركمەن يېزىلىرى خەتەر ئاستىدا
تۈركمەن قۇماندان ئادىل، كەسەب بازىرىنىڭ قارشىسىدىكى «يايلا تېغى» چېگرا ئېغىزىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان بومباردىمانلار سەۋەبلىك بىكار قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، تۈركىيە چېگرىسىدىكى تۈركمەن يېزىلىرىدىن داغداغان، كەپىر، كۆك تېغى ۋە مۇرتلۇ يېزىلىرىنىڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
قۇماندان ئادىل يەنە، ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقان بىر قانچە يېزىلارنىڭ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، « شۇئان بارلىق تۇقۇنۇشلار كەسەب بىلەن بايىربۇجاك ئارىسىدىكى ئىستىراتىگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە قىزىل تاغ ئەتراپىدا داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئەگەر دۇرىندىن كېيىن قىزىل تاغمۇ ئەسەد تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغان بولسا بۇ ۋاقىتتا خەتەرنىڭ قانچىلىك زور بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەك قىيىن» دېدى.
كۈرت تېغى رايۇنىدىكى دۇرىن بازىرىدا جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشلاردا ئۆكتىچىلەردىن 20 دىن كۆپ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 40 تىن كۆپ كىشى يارىلاندى.
تۈركمەن قۇماندان ئادىل ئورلى، ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق كۈچلەرنىڭ تۈركمەن يېزىلىرىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتى داۋاملاشقىنىدا بىر قانچە يېزىنىڭ تاشلىنىپ ئاھالىسىنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، مۇنداق دېدى«بار كۈچىمىز بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىمىز، بىراق ئەسەد كۈچلىرى ئېغىر تىپتىكى قۇراللار بىلەن بىر قانچە نوقتىدىن بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. مەزكۇر رايۇنغا شىئە گۇرۇپپىلاردىن زور ياردەم كەلدى، شۇئاندا تۇقۇنۇش قاتتىق داۋاملاشماقتا».
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved