شىنخۇا تورى 21- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
رۇسىيەنىڭ ئىراقنىڭ كېربىل ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ 16- مارت بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە نەچچە كۈن ئىلگىرى ئىراق كورد قوراللىقلىرىنى بىر تۈركۈم ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلىگەن. رۇسىيە ئۆزلىرى تەمىنلىگەن قورال-ئەسلىھلەرنىڭ كوردلارنىڭ رادىكال تەشكىلات « شام ئىسلام دۆلىتى » نى مەغلۇب قىلىشىغا ياردىمى تېگىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۈگۈنكى رۇسىيە ئاخبارت ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيەنىڭ كېربىلدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى دىپلوماتىيە ئەمەلدارى شۇ كۈنى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېگەن: رۇسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بىلەن ئىراق كورد قوراللىقلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ ئورتاق شاھىد بولۇشى ئاستىدا، رۇسىيە ئىراق كورد قوراللىقلىرىنى zu-23-2 تىپلىق بەش يۈرۈش قوش ستوۋوللۇق زېنىت توپ ۋە 20 مىڭ دانە توپ ئوقى بىلەن تەمىنلىدى. رۇسىيەنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مورگونوف رۇسىيەنىڭ ئىراق كورد قوراللىقلىرىنى داۋاملىق قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
![]() |
ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved