ئۇكرائىنا پايتەختى مەركىزىدە قالايمىقانچىلىق ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا . ئۇكرائىنا باش تەپتىش مەھكىمىسى 22 – چىسىلا كەچتە ئىككى ئادەمنىڭ ئېتىپ ئۆلتۇرۇلگەنلىكىنى دەلىللەشتۇردى ۋە نامايىش قىلغۇچىلار ئارسىدا تېرورچىلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى . ئۇكرائىنا ئۆكتىچىلەر گوروھىنىڭ باشلامچىسى 22 – چىسىلا زۇڭتوڭغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم دىپلوماتىك نوتايوللاپ ،24 سائەت ئىچىدە سايلام ئۆتكۇزپ ، ھۆكىمەتنى تاقىتىشنى ھەمدە ئېتىرازغاقارشى تۇرۇش قانۇن لاھىيسىنى بېكار قىلىشنى ئۇنداق بولمىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىرغاندىن باشقا يەنە دائىرىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ، ساقچىلار قانداق مۇئامىلىدە بولسا، ئۆزلىرىنىڭمۇ شۇنداق مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىنى ، بۇقېتىملىق خەۋىپنى سايلام ۋاقتىنى ئىلگىرى سۇرۇش ئارقىلىق تۇگىتىپ نۆۋەتتىكى زىدىيەتلىك ۋەزىيەتنى ياخشىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۇردى .
بۇنىڭغا نىسپەتەن ، ئۇكرائىنا زۇڭلىسى ئۆكتىچىلەر گوروھى باشلامچىسىنىڭ دىپلوماتىك نوتايوللىغاندا تېخىمۇ كەمتەر بولىشىنى ئيتىتى ۋە ھۆكىمەتنىڭ سۆھپەت تەييارلىقىنى قىلىپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى .
تاراتقۇلار ، ئۇكرائىنا ھۆكىمىتى ئۆكتىچىلەر گورھىنىڭ ‹24 سائەت ئىچىدە سايلام ئۆتكۇزش › تەلىپىگە نىسپەتەن سۆھپەت تەييارلىقىنى قلىپ بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى .
ئىگىلىنىشىچە ، ئۆتكەن يىلى 11- ئايدا ئۇكرائىنا ھۆكىمىتى ياۋرۇپا ئىتىپاقى بىلەن تۇزگەن ئالاقە دۆلەتلەر كېلىشىمىنى ۋاقتىنچە توختاتقاندىن باشلاپ ،كەڭ كۆلەمدە ئېتىراز بىلدۇرۇپ نامايىش قىلىشنى كەلتۇرۇپ چىقارغان بولۇپ ، نۆۋەتتە ، ئېتىراز بىلدۇرگىچىلەر پايتەخىت مەركىزىدىكى مۇستەقىل مەيدان ھەم ئەتىراپتىكى كوچىلارنى ئىگەللەپ ، چىدىر تىكىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى بىلدۇردى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved